ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چىرايىڭىزدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۆپكىڭىزنىڭ ناچارلىقىنى بىلدۈرىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەمنىڭ چىرايى، تەن سالامەتلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان بىر ئەينەك. ئۆپكە بولسا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى؛ ئۇ ئاساسلىقى ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتەپ، سىرتقى دۇنيادىن ئوكىسگىننى سۈمۈرگەندىن كىيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزىدە ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ نورمال ھاياتلىق پائالىيىتىمىزنى ساقلىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئادەتتە، ئۆپكىمىزنىڭ فونكىسىيىسى ياخشىمۇ ئەمەس، چىرايىمىزدىن ئىبارەت بۇ ئەينەكتىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر چىرايىڭىزدا بۇ تۆت خىل ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ، ئۆپكىڭىزنى ياخشى ئاسراشقا مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تىرىسى ناچارلىشىپ كىتىدۇ
   ئۆپكە قىسىم زەخمىلىنىشكە ئۇچرىسا، ئادەمنىڭ تىرىسى ناچارلىشىپ كىتىدۇ؛ بۇ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يېغىلىپ قېلىشىنىڭ تىرىنىڭ نورمال مىتابولىزىمىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولۇپ، تىرىنىڭ تېخىمۇ يرىكلىشىپ ۋە ئەسلىدىكى پاقىراقلىقىنى يوقىتىپ، بارغانسىرى ناچارلىشىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كالپۇكى كۆكىرىپ كىتىش
    ئۆپكە قىسمى زەخمىگە ئۇچرىغان ئادەمنىڭ، ئوكسىگىننى تۇشۇپ يەتكۈزىشىدە توسالغۇ كۆرىلىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئادەم كالپۇكى قارىداپ ياكى كۆكىرىپ كەتكەندەك ھىس قىلىدۇ. چۈنكى، ئادەمنىڭ كالپۇكىنىڭ ئەتراپى، قىل قان تۇمۇرلار نىسبەتەن كۆپ يىېغىلغان جاي بولۇپ، رەڭ ماددىلىرىنىڭ چۆكۈپ يېغىلىشى نىسبەتەن ئاز. شۇڭا ئەگەر ئوكسىگىن كەمچىل بولسا، ئادەمنىڭ كالپۇكلىرىنىڭ قارىدا ياكى كۆكۈرۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قوشۇمىسى(印堂) قارىداپ قېلىش
   قوشۇما، يەنى يىن تاڭ پەللىسى، ئادەمنىڭ ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى جاي بولۇپ، بۇ پەللىنىڭ تىرە ئاستىدىكى ياغ تەركىبى نىسبەتەن ئاز؛ شۇڭا نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئادەمىنىڭ تىرىسى يۇمران ھەم نۇرلۇق كىلىدۇ. ئادەمنى يىن تاڭ پەللىسى، ئادەمنىڭ ئۆپكىسىگە ئۇلاشقان بولۇپ، بۇ جاينىڭ قارىداپ قېلىشى، ئۆپكىدە مەسلىە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇرنىنىڭ ئۇچى تەرلەش
   ئەگەر، ھېچقانداق سەۋەپسىزلا، بۇرنىڭىزنىڭ ئىككى يېنى تەرلىسە ھەمدە تەر بۇرنىڭىزنىڭ ئككى تەرپىدىن ئېقىپ چۈشسە، بۇ ئەھۋال ئۆپكىڭىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇنىڭغا بەزىدە يەنە، پۇراش سىزىمى تۆۋەنلەش، ھەمىشە ھۆتىلىش، بەزىدە نەپەس ئېلىشى قىيىلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئەگىشىپ كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号