ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئائىلىۋى تائاملار » ئۇن تائاملىرى
كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2025-10-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي)
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خاجو، جاڭپىزا، قارىمۇچ، ئۇۋاق قىزىل لازا ، ئاچچقسۇ.
قازانغا سۇ قۇيۇپ قوينىڭ سوڭەكلىرىنى چېقىپ، بىرجىڭ ئەتىراپىدا پۇتۇن گۆشنى سۇغا سېلىپ قاينىغاندە كۇپۇكلىرىنى ئېلىپ بوش ئوتتا قاينىتىپ گۆشنى سۇزۋالىمىز،سوڭەك قانچە ئۇزۇن قاينىسا شۇنچە ياخشى . گۆش پىشۇرۇلۇپ يالپاغداپ توغراپ قويۇلىدۇ، شورپا قايناپ تۇرىدۇ.شوخلا،پالەك سامساق سۇڭپىيازنى ئۇششاق توغرايمىز.
دومبە ياغ ئۇششاق توغرۇلۇپ قازانغا ئازراق سۇ يېغى قۇيۇپ توغرالغان دۇمبە ياغنى سېلىپ كۆيدۇرۇپ چىگدەكلىرى سۇزۋېلىنىپ ياغقا توغرالغان سۇڭپىياز ، ئۇۋاق قىزىل لازا، سامساق سېلىپ بو ش ئوتتا قورۇپ بىر قاچىغا ئېلىپ سۇڭخازا تەييارلىۋالىمىز.
چۆپىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا كۆپرەك سۇ قۇيۇپ قاينىشىغا ئۇلگۇرتۇپ خېمىرغا شولتا(جەن ياكى پىڭخۇي)بىرىپ ئىشلەپ ئىككى قولىمىزغا ئېلىپ بىر ئوڭ بىر سول چۇرۇپ خېمىرنى تەڭشەيمىز.ئاندىن ئاشتاختا ئۇستىگە ئېلىپ تەكشى يۇمىلىتىپ ئۇستىگە ئۇن چېچىپ تارتىپ تەكرار تارتىش ئارقىلىلىق ئىنچىكىلىتىمىز .ھەر بىر قېتىم تەكرارلىغاندا ئۇن چېچىپ تۇرىمىز.تەكشى ئىنچىكە بولغاندا قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ 2مىنۇت ئەتىراپىدا قاينىتىپ سۇزۋېلىپ مۇزدەك سۇدا 3قېتىم چايقاپ سۇلىرىنى سارقىتىپ تەييارلاپ قۇيىمىز.
شورپىسىنى تەڭشەش:قازاندىكى سوڭەكلەرنى پاكىز سۇزىۋېتىپ ،تۇز ،جاپىزا، خاجو سېلىپ قاينىتىپ دەرمەكلەرنىڭ تەمىنى شورپىغا چىقىرىپ ئاندىن كىيىن شوخلا ،سامساق،شۇڭپىيازلار نى سېلىپ تۇز تەمىنى تېتىپ ،ئاندىن تەييارلاپ قۇيۇلغان سۇڭخازىدىن  مۇۋاپىق سېلىپ ، ئازراق ئاچچىسۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەيمىز.
تەييارلانغان چۆپنى چىنىگە يېرىم ئېلىپ ئۇستىگە نىپىز يالپاقلانغان گوش، پالەكنى سېلىپ تەييارلانغان شورپىدا قىزىتىپ ئاندىن مۇۋاپىق شورپا قۇيۇپ ئۇستىگە قارمۇچ سىپىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ .
ئەسكەرتىش :ئائىلىلەردە خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ چۆپ كىسىش ماشىنىسىدا ئىنچىكە كىسىپ يۇقىرقى ئۇسۇل بۇيىچە تەييارلىساقمۇ بۇلىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: كۇچا سۇيۇقئېشى — شورپىسى يېڭى، سۈزۈك، مەززىلىك يەرلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋىي ئەتىگەنلىك تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، يوتازا ياكى كىچىك بولاق مانتا بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2011-سەمەتجان ئۇستام تەييارلىغان كۇچا تاڭمەن شىنجاڭنىڭ كۇندىلىك داڭلىق يىمەكلىكى بۇلۇپ باھالانغان
 
 
ئوخشىغان تاڭمەن تەييار بولدى

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号