ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » ئۇن تائاملىرى
شورپىلىق تۈگۈرە (汤饺子) تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2020-05-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   خام ماتىريالى: ئاق ئۇن، سىمىز قوي گۆشى، باش پىياز، ماش ئۇيۇتما، قىزىلمۇچ، گۈمبىمەدەك، نوقۇت، قېرىنقۇلاق، بۆدۇنە تۇخۇمى، يۇۋبەسەي
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، قارىمۇچ، ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ چانالمىسى
   تەييارلاش ئۇسۇلى: خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ زوۋۇلا ئۈزۈپ تىندۇرۇپ قۇيىمىز. كەينىدىن قۇرۇق ئۇن سېپىپ  بىر تەرەپتىن پوزا بىلەن جىلىت ئاچىمىز.
   گۆشنى ئۇششاق توغراپ،  ئۇششاق چانالغان باش پىياز، تۇز، سوققان قارىمۇچ، سۇ يېغى،  ئىلمان سۇ قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييار قىلىمىز؛  ئېچىلغان جىلتىغا مۇۋاپىق قىيما سېلىپ تۈگۈپ تەييارلىۋالىمىز. 


   ماش ئۇيۇتما، گۈمبەمەدەك، قېرىنقولاق، يۇۋبەسەي قاتارلىقلارنى رەسىمدىكىدەك توغرايمىز. بۆدۈنە تۇخۇمىنى پىشۇرۋالغاندىن كېيىن شاكىلىنى سويۇۋىتىپ تەييارلايمىز.
   پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا سۇ قۇيۇپ قايناتقاندىن كېيىن، تۈگرىنى سېلىپ تۇز، قىزىلمۇچ چانالمىسى قوشۇپ تۆۋەن ئوتتا 6-5 مىنۇت پىشۇرۇپ، كەينىدىن ماش ئۇيۇتما، گۈمبىمەدەك، نۇقۇت، قېرىنقۇلاق، بۆدۇنە تۇخۇمى، يۇۋبەسەي قاتارلىقلارنى قوشىمىز. جۇۋاۋا پىشقاندا، تۇز، قارىمۇچ، ئاچچىقسۇ، سامساق چانالمىسى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   ئالاھىدىلىكى: جىلىتى نېپىز، قىيمىسى يۇمشاق ھەم شورپىلىق، مەززىلىك. 
   ئەسكەرتىش
   1. قازان بەك قايناپ كەتسە، پات-پات سوغۇق سۇ قۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. بولمىسا جۇۋاۋا ئېزىلىپ كىتىدۇ؛
   2. ئائىلىلەردە، كۆپىنچە گۆش ۋە پىياز بىلەنلا قىيما تەييارلىنىدۇ؛ لېكىن، ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشىغا ئاساسەن،  باشقا كۆكتاتلار بىلەن بىلەن تەييارلاپ ئىستىمال قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号