ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » ئۇن تائاملىرى
يوبدان ئېشى تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-07-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يوبدان ئېشى، ئەنئەنىۋى يەرلىك تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە يوبدان ئېشى تەييارلاش ئۇسۇلىنى سۇندۇق.
    كىتەرلىك ماتېرىيال: بوغداي ئۇنى، قوناق ئۇنى، قوي گۆشى، قىزىل ۋە سېرىق سەۋزە، كاۋا، چامغۇر، يۇبەسەي، سامساق، بۆدۈنە تۇخۇمى، شوخلا، پىياز، يۇمغاقسۈت

     خۇرۇچ ماتېرىيالى: تۇز
    تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆشنى توغراپ تەييارلايمىز؛ كۆكتاتلارنى ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز؛ قوناق ئۇنى بىلەن بوغداي ئۇنىنى تەڭ نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرۇۋالىمىز.
   پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئاۋۋال توغرالغان گۆشنى سېلىپ قاينىتىمىز؛ گۆش قاينىغاندىن كېيىن يېغىلغان كۆپۈكچىلەرنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ، توغرالغان پىيازنى سالىمىز ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سالىمىز؛ كەينىدىنلا توغرالغان كاۋا، سەۋزە،پالەك، شوخلا قاتارلىقلارنى قوشۇپ داۋاملىق قاينىتىمىز.
يۇغۇرۇپ تەييارلىغان خېمىرنى، يايغۇ بىلەن نىپىز قىلىپ يايغاندىن كېيىن، خېمىرنى ئون سانتېمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ كىسىۋالىمىز؛ كەينىدىن كىسىپ تەييارلىغان چۆپنى ۋە يۇۋ بەسەينى قازانغا سالىمىز. چۆپ پىشقاندىن كېيىن، سامساق بىلەن يۇمغاقسۈتنى سېلىپ، تۇز تەمىنى تېتىپ تەڭشىگەندىن كېيىن قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号