ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    گال ئاغرىش، كۆپىنچە زۇكامداپ قېلىشنىڭ بىرىنچى ئالامىتى بولۇپ كۆرۈلىدۇ. بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى رەت قىلسا، بۇ بەلكىم بالىلارنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.
    باشقا يىمەكلىكلەرنى قوشۇمچە يىگۈزۈشنى باشلىمىغان بوۋاقلارنىڭ گېلى ئاغرىپ قالسا، ئازراق ئىلماي ياكى سۇغۇق سۈت ئىچكۈزۈش؛ ئەگەر باشقا يىمەكلىكلەرنى قوشۇمچە يىگۈزۈشنى باشلىغان بوۋاقلارنىڭ گېلى ئاغرىپ قالسا، ئازراق ئىلمان ياكى سۇغۇق سۈت، سۇ، شورپا ئىچكۈزسەك بولىدۇ.
    ئەگەر بوۋاقنىڭ قالقانسىمان بېزىنىڭ ئىششىپ قالغانلىقىنى ياكى ئاز قىسىمدا يارا بارلىقىنى بايقىساق، بالىلارغا سۇغۇق سۇيۇق ئىچىملىك ياكى يىمەكلىك بەرسەك بولىدۇ.
    بۇندىن باشقا، بوۋاقنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسى ئادەتتىكىگە ئوخشاش ياخشى بولالمايدۇ؛ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا، ئاغرىقنى توختىتىش ۋە سۇيۇق يىمەكلىكتۇر.
   ئەگەر بالا بەك يىغلاپ كەتسە، بۇ ئۇلارنىڭ گېلىدىكى ئىششىقنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك بوۋاقنى ئىمكان قەدەر تىز پەس قىلىش كىرەك.
    بۇ ۋاقىتتا بالىغا ھەرقانداق غىدىقلاش تۈرىدىكى يىمەكلىك بەرمەسلىك كىرەك؛ مەسىلەن، تۇزلۇق، چۈچۈمەل، زىيادە تاتلىق، قىزىق يىمەكلىكلەر. بۇنداق ئەھۋالدا، بالىغا ئىلمان ياكى سۇغۇق يىمەكلىكلەرنى ھەمدە تۇزسىز مايسىز بولغان سۇيۇق تاماقلەرنى بەرسەك بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号