ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇۋاق بالىلارنىڭ تىرنىقىنى ئېلىش تاكتىكىلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ بوۋاق بالىلارنىڭ تىرنىقىنى ئېلىش، بارلىق ئانىلار دۇچ كىلىدىغان بىر قىيىن مەسىلە. بوۋاقنىڭ كىچىك قوللىرىنى تۇتساقلا، ئۇلار بىزگە ناھايىتى ئاجىز بىلىنىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاقلار قولىنى جىم تۇتمايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تىرنىقىنى ئېلىش قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.
   تۆۋەندە، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بوۋاق بالىلارنىڭ تىرنىقىنى ئېلىش تاكتىكا ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
بوۋاقلار مەخسۇس تىرناق ئالغۇچى ئىشلىتىش
   بوۋاقلارنىڭ قولى كىچىك، شۇڭا تىرنىقىمۇ كىچىك؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ تىرنىقىنى چوڭلار ئىشلىتىدىغان تىرناق ئالغۇچتا ئالساق، تىرناق ئالغۇچنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ماس كەلمەيدىغان بولغاچقا، تىرناق ئېلىش جەريانىدا ئاسانلا بوۋاقنىڭ قوللىرىنى كىسىپ سالىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاقلارنىڭ تىرنىقىنى ئېلىشتىكى بىرىنچى قەدەم، ئاۋۋال بوۋاقلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان تىرناق ئالغۇچ سېتىۋىلىش كېرەك.
بوۋاق ئۇخلىغان ۋاقىتتا تىرنىقىنى ئېلىش
   بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر جىم تۇرمايدىغان بولۇپ، ئادەتتە جىم ئولتۇرۇپ ماسلىشىپ بەرمەيدۇ. شۇڭا، بوۋاقلار ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ تىرنىقىنى ئالساق، ۋەزىپىنى ئاسانلا تۈگىتەلەيمىز.
بوۋاقنىڭ قوللىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش
   ئاۋۋال مۇۋاپىق كۈچتە بوۋاقنىڭ قوللىرىنى بېسىپ بىرىشىمىز لازىم؛ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، تىرنىقىنى ئالماقچى بولغان بارمىقىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئالقىنىنى چىڭ بېسىپ مۇقىم تۇتۇش كېرەك؛ تىرناقنى ئالغان ۋاقىتتا، باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن بوۋاقنىڭ بارماق بوغۇمىنى قىسىپ، پەقەت بىر بوغۇم بارماق ئۇچىنىلا چىقىرىپ قويساق، ئۇلارنىڭ تىرنىقىنى بىخەتەر ھەم ئاسان ئالغىلى بولىدۇ.
قىياپىتى توغرا بولۇش
   بوۋاقلارنىڭ بەدىنى خېلىلا يۇمران، شۇڭا ئۇلارنىڭ قۇچىقىمىزغا ئېلىۋالماي ياكى پۇتىمىزدا ئولتۇرغۇزۇۋالماي، كارىۋاتتا تۈز ياتقۇزۇپ قويساقلا بولىدۇ. چوڭلارنىڭ كۆرۈش سىزىقى يۆنىلىشى بوۋاقلار بىلەن قارمۇ-قارشى ئەمەس بەلكى بىردەك بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا تىرناقنىڭ كىسىپ ئېلىۋىتىدىغان قىسىمىنى ئېنىق كۆرۈپ، تىرناقنى بەك چوڭقۇر كىسىپ ئېلىۋىتىشتىن ياكى تىرىنى كىسىپ سېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
تىرناقنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قايتا بىر تەكشۈرۈش
   بوۋاقنىڭ تىرنىقىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىرەر يىرىنى تاتىلاپ زەخمىلەندۈرۈۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بوۋاقلارنىڭ ھەممە بارمىقىنى تىرناقلىرىنى سىيلاپ تۇتۇپ بېقىپ، قولغا ئۇرۇنىدىغان ياكى سىيلىق بولمىغان يەرلەرنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ چىقىش كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号