ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئائىلىۋى تائاملار » بالىلار تائاملىرى
بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارلىغاندا تۇز سالمىساقمۇ بولىدۇ، بىر ياشتىن يۇقىرى بولسا، ئازراق تۇز قۇشۇپ تەييارلاش كىرەك.
   كىتەرلىك ماتىريال: سەۋزە، تۇخۇم، تۇز، كۈنجۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم
   سەۋزىنى پاكىزە يۇغاندىن كىيىن، كۆكتا ئىزىش ماشىنىسىدا ئۇششاق ئىزىمىز؛ ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراق ئۇن، سۇ، تۇز قوشىمىز.
ئىككىنچى قەدەم
    تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك ھالەتكە كىلىدۇ
ئۈچىنچى قەدەم
    تىگى چاپلاشماس قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، ئالدىدا تەييارلىغان ئۇماچتىن يېرىم چۆمۈچ ئېلىپ قازانغا قۇيۇپ داغلايمىز؛ ئوتتۇرلۇقتا كۆپۈكچە پەيدا بولۇشقا باشلىغاندا يەنە بىر يۈزىنى ئۆرۈپ داغلايمىز.
تۆتىنچى قەدەم
    نورمال ئوتتا، قاتلىمىنى ئاستا ئايلاندۇرۇپ داغلايمىز؛ ئىككى يۈزىنى كۆپرەك ئۆرۈپ ئالماشتۇرۇپ داغلايمىز.
بەشىنچى قەدەم
    پىشىپ رەڭگى سارغايغاندىن كىيىن قازاندىن ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号