ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئىككى ياشلىق ئوغۇل غەلىتە كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ گەپ قىلالماس بولۇپ...
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، لۇيى.خىس. خېررىئوت تۇغۇلما تىرىچىر-كوللىنىس ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان؛ بۇ خىل كىسەللىك، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدىلا، يۈز قىسىم سۆڭەكلىرى ۋە ئورگانىزىملىرىنىڭ غەلىتە يىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    لۇيىنىڭ ئىككى مەڭزى، زاڭىقى ۋە كۆز چاناقلىرى غەلىتە ئۆسۈپ قالغان بولۇپ، بۇ خىل كىسەللىكنىڭ يۈز بىرىش نىسبىتى ئەللىكمىڭدىن بىر ئىكەن.

    لۇيىنىڭ كىسەللىكى ھازىر ئۇنىڭ نەپەس يولىنى بېسىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن؛ ھازىر ئۇ ئامالسىزلىقتىن ئوپراتسىيە قىلىنىپ، نەپەس يولىغا ۋە ئاشقازىنىغا بىردىن نەيچە تىقىپ قويۇلغان. لۇيىنىڭ ئانىسى كارلىي ھەركۈنى، يىمەكلىكنى ئۇنىڭ ئاشقازىنىغا تىقىپ قويۇلغان نەيچە ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاشقىزىنىغا بىۋاستە كىرگۈزىدۇ. جاسارەتلىك كەلگەن لۇيى يەنە سۆڭەككە مۇقىملاشتۇرىدىغان ئاڭلاش ئۈسكىنىسى ئورناتقان بولۇپ، ئۇ گەرچە ھەركۈنى كىسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خۇشاللىقىنى يوقاتمىغان بىر بالا ئىدى.

    كارلىي لۇيىنىڭ مايكا كىيىپ چۈشكەن سۈرىتىنى تورغا چىقارغاندىن كىيىن، مەلۇم بىر بالىلار كىيىم-كىچەكلىرى مارىكى كارلىي بىلەن ئالاقىلىشىپ، لۇيىنى ئۇلارنىڭ ماركىسىدىكى كىيىم-كىچەكلەرنىڭ مودىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.
    بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇل خادىملىرىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، لۇيى كىيىۋالغان ئۇ مايكا دەل ئۇلارنىڭ شىركىتىنىڭ ماركىسىدىكى مايكا بولۇپ، لۇيىنىڭ رەسىمى تورغا چىقىرىلغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بۇ خىل مايكىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان. لۇيىنىڭ كىسەللىك بىلەن قارشىلىشىشقا جۈرئەت قىلىشتەك باتۇرانە روھىغا ئىلھام بىرىش ئۈچۈن، بۇ شىركەت ئالاھىتەن ئىككى خىل پاسوندىكى مايكا ئىشلەپ چىقىرىپ، لۇيى ئۈچۈن ئىئانە توپلىغان ۋە بۇ ئارقىلىق مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ كىسىلىنى داۋالاتماقچى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەملەشمەكچى بولغان.

   نەپەس يولىدىن تۈشۈك ئېچىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، لۇيى گەپ قىلالمايدىغان بولۇپ، ئۇ پەقەت قول ئىشارىتى ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ھىسياتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. بىرەر تاساددىبى ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاز دىگەندىمۇ بىر ئادەم، ئۇنىڭ ھالىدىن 24سائەت ئۈزۈلدۈرمەي خەۋەر ئېلىشى كىرەك.

چۈنكى، ئەگەر نەپەسلىنىش يولىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نەيچە چۈشۈپ كىتىپ قالسا ياكى توسۇلۇپ قالسا، لۇيى نەپەسلىنەلمەي قالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ. ئانىسى كارلىينىڭ دىيىشىچە، بولۇپمۇ لۇيى ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قېشىدا چوقۇم قارايدىغان  ئادەم بولمىسا بولمايدىكەن.

    لۇيىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نىشانى، لۇيىنى يەنە بىر قېتىم ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇ نەپەسلىنىش يولىدىكى نەيچىدىن قۇتۇلالايدىكەن ھەمدە گەپ قىلالايدىغان، سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنەلەيدىغان ۋە يەسلىگە بېرىپ ئوقۇيالايدىغان بولىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号