ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كىسىپ پارچىلىۋەتكەن كاۋىنى قانداق ساقلاش كېرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-11 كۆرۈلىشى : قېتىم

   كاۋىنىڭ ئۇزۇقلۇقى ئىنتايىن مول بولۇپ، بىز تۇرمۇشتا دائىم ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك؛ لېكىن كاۋىنىڭ جۇغى نىسبەتەن چوڭ بولغاچقا، ئادەتتە بىر قېتىمدا يەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما كىسىپ پارچىلىۋەتكەن كاۋا ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، كىسىپ پارچىلىغان كاۋىنى قانداق قىلغاندا بۇزۇۋەتمەي ساقلىغىلى بولىدۇ؟
   ئالدى بىلەن، كاۋىنىڭ ئۇرۇغىنى ئويۇپ ئېلىۋىتىمىز؛ چۈنكى، كاۋىنىڭ ئۇرۇغى ئەڭ ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇرۇغىنى ئويۇپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن كاۋىنى سۇ بىلەن يۇيۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا كاۋىنىڭ بۇزۇلۇشىنى تېزلىتىۋىتىدۇ.
   كاۋىنىڭ ئۇرۇغىنى ئۇيۇپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، بىز كاۋىنىڭ پىچاق تەگكەن يۈزىگە تۇز سۈرۈپ قويساق، تۇز كاۋىغا باكتىرىيە ۋىرۇسلارنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

 
   تۇزنى سۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، بىز كاۋىنى يېڭى ساقلاش پىلاستىرى بىلەن ئوراپ قويىمىز.
   ئاخىرىدا، كاۋىنى توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىگە قويۇپ قويساقلا بولىدۇ.
   بۇنىڭدا كاۋىنى بىر ئاق قويساقمۇ بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، كېيىنكى قېتىم ئىشلەتكەندە، كاۋىنىڭ پىچاق تەككەن يۈزىدىن ئازراق كىسىپ ئېلىۋىتىپ ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号