ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئاشپەزلىك تېخنىكىسى » ئاشخانا سايمانلىرى
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلەتكەندە...
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەييارە ۋاقتى : 2017-06-28 كۆرۈلىشى : قېتىم

 QQ截图20170628191417.jpg

مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش جەريانىدا بەزى كۈتۈلمىگەن خېيىم – خەتەرلەر يۈز بېرىشى، ھەتتا يېمەكلىكلەردە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

 1. ئورالما يېمەكلىكلەرنى سۇلياۋ قاچىسى بىلەنلا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى قىزدۇرۇش جەريانىدا سۇلياۋ قاچىلار زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلسا راك پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مېتال قاچىلارنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ مەخسۇس قاچىسىدا قىزدۇرۇش ھەم قىزدۇرۇش جەريانىدا قاچىنىڭ ئاغزىنى بەك ھىم يېپىۋەتمەسلىك كېرەك.
 2. كىشىلەر بەزىدە يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ ئېرىتكەندە ياكى قىزدۇرغاندا، ئۇنتۇپ قېلىپ بىرنەچچە سائەت تۇرغۇزۇپ قويىدۇ. ئەگەر ئۇنتۇپ قالغان ۋاقىت ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، بۇ يېمەكلىكنى تاشلىۋېتىش كېرەك، بولمىسا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 3. گۆش تۈرىدىكى يېرىم پىششىق يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ پىشۇرغاندا، تولۇق پىشۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ، ئەمما يېمەكلىكلەر يېرىم پىششىق ھالەتتە باكتېرىيەلەر داۋاملىق كۆپىيىۋېرىدىغان بولغاچقا، قايتا پىشۇرۇش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ قالسا، باكتېرىيەنى تولۇق يوقاتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئاۋۋال مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئېرىتىش، ئاندىن قىزدۇرۇپ پىشۇرۇش كېرەك.
 4. ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياغلارنى پارلاندۇرۇپ ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا ئوت كەتسە، ھەرگىز ئاغزىنى ئاچماسلىق، چوقۇم ئالدى بىلەن توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش، ئوت ئۆچكەندىن كېيىن ئاغزىنى ئېچىش كېرەك. پوستى بار يېمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندا پارتلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پوستىنى تېشىپ قويۇش كېرەك.
 5. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق رادىياتسىيە پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى ياتاق ئۆيگە قويماسلىق، تېلېۋىزور ۋە رادىيولاردىن يىراقراق قويۇش كېرەك، بولمىسا تېلېۋىزور ۋە رادىيولارنىڭ سۈرەت ياكى ئاۋاز ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇش، ئاغزىنى ئاچقاندا ئۇنىڭدىن بىرەر مېتىر ئارىلىق ساقلاش، كۆز بىلەن بىۋاسىتە قارىماسلىق كېرەك. بولمىسا باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، چاچ چۈشۈش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号