تاماق تەييارلاش ۋە يىيىشتە ھەرخىل قازان-قۇمۇچ ۋە چىنە-قاچىلاردىن ئايرىلالمايمىز؛ ئەگەر ئىشلەتكەن ئاشخانا سايمانلىرىنى پاكىزە يۇيۇپ تازىلۋەتمىگىنىمىزدە، بۇ سايمانلاردا يۇيۇپ چىقىرۋىتىلمەي قالغان يىمەكلىك قالدۇقلىرى چىرىپ ھەرخىل باكتىرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەي ياكى پۈتۈن بەدەن خارەكتىرلىك كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۆۋەندە بىز بىر نەچچە خىل ماتىريالدا ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى پاكىزە يۇيۇشتىكى بەزىبىر ئامال-چارىلەرنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:
1. ساپال چىنە-تەخسىلەردىكى ماي قالدۇقىنى ئۇن ئارقىلىق يۇيۇش

ئۆيىڭىزدە ساقلاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئۇن بولسا تاشلىۋەتمەڭ؛ چۈنكى ئۇندىن پايدىلىنىپ ساپال قاچا-قۇچىلارنى يۇيساق ئەڭ ياخشى، ئۇن قاچا-قۇچىلاردىكى قالدۇق مايلارنى ئۆزىگە سۈمۈرۋىلىپ، قاچىلىرىڭىزنى پاكىزە قىلىۋىتىدۇ.
2. داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى ئاناناس( 菠萝 ) پوستى بىلەن يۇيۇش

داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرى ئاسان قارىداپ قېلىپ، ئادەتتە يۇيۇپ چىقىرۋەتمىكىمىز تەسكە توختايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز چوڭراق بىر قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئاناناس پوستىدىن مۇۋاپىق مىقداردا تاشلىغاندىن كىيىن، ئۆيىڭىزدىكى باشقا قارىداپ قالغان داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى قازاندىكى سۇغا سېلىپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىسىز. ئاخىرىدا، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، سۇ سۇۋۇغاندىن كىيىن ئاشخانا سايمانلىرىنى سۈزۈپ ئالسىڭىز، قارىلارنىڭ يوقاپ يىڭى ھالەتكە كىلىپ قالغىنىنى بايقايسىز.
3. ئاليومىندىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى پىياز بىلەن تازىلاش

ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاليومىن قازاننى كۆيدۈرۈپ قويسىڭىز، قازانغا پىيازدىن ئازراق تاشلاپ سۇ قۇيۇپ قايناتسىڭىز، ئۇزۇن ئۆتمەي بارلىق كۆيۈك ماددىلىرىنىڭ لەيلەپ چىققىنىنى كۆرىسىز.
4. تۈمۈردىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى يىرىك تۇز بىلەن تازىلاش

تۆمۈردىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرى تۆمۈر قازان، كۆكتات توغرايدىغان پىچاق قاتارلىقلار بولۇپ، ئاساسلىقى داتلىشىپ قېلىشنىڭى ئالدىنى ئېلىش، دات چىقىرش كىرەك بولىدۇ. ھەر قېتىم تاماق تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن، قازاننى يۇيىۋىتىپ، قۇرۇق لاتىدا سۈرتىۋەتسەك ئادەتتە داتلىشىپ قالمايدۇ.
ئەگەر قورۇما قورۇۋاتقاندا يىمەكلىكلەر كۆيۈپ قازانغا چاپلىشىۋالسا، يىرىك تۇزنى قازاندا ئازراق قورىۋەتكەندىن كىيىن قازاننى يۇيىۋەتسەك، چاپلاشقان كۆيۈكلەرنى پاكىزە چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
تۈمۈر قازان ۋە كۆكتات توغرايدىغان پىچاقلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن، زەنجىۋىل پارچىسى بىلەن سۈرتۈۋەتسەك ياكى بىر قاتار ماي سۈرىۋەتسەك، داتلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
تۆمۈردىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرى داتلىشىپ قالغان بولسا، بەرەڭگە پوستىدا سۈرتسەك، داتلارنى چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
5. پىلاستىردا ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى ئىچىپ تۆكىۋەتمەكچى بولغان چايلار قالدۇقى بىلەن تازىلاش

ئىچىپ ئېشىپ قالغان چاي قالدۇقىنى داكا بىلەن ئوراپ يىمەكلىككە ئىشىلىتىدىغان مايغا چىلاپ ئالغاندىن كىيىن،ئۇنىڭ بىلەن پىلاستىر ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ ئىچى-تېشىنى بىر رەت سۈرتىمىز؛ ئۇندىن كىيىن ئازراق يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا يۇۋەتسەك بولىدۇ.
6. تاختىنى ئاق سىركە بىلەن تازىلاش

تاختىدا گۆش ۋە بىلىق توغرىغاندىن كىيىن، تاختىدا بىر خىل پۇراق پەيدا بولىۋالىدۇ؛ ئاق سىركىنىڭ بولسا باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش، دىزىنفىكسىيەلەش ۋە پۇراق يوقىتىش رولى بار بۇلۇپ، ئاق سىركىنى بىۋاستە تاختا يۈزىگە پۈركۈپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا تەبىئى ھالدا قۇرۇتقاندىن كىيىن سۇدا يۇۋەتسەك تاختىدىكى غەلىتە پۇراقلار يوقايدۇ.

亚麻,中药名。为亚麻科植物亚麻LinumusitatissimumL.的根、叶。分布于东北及内蒙古、山西、陕西、山东、湖北、湖南、广东、广西、四川、贵州、云南等地。具有平肝,活血之功效。常用于肝风头痛,跌打损伤,痈肿疔疮。

لېكىن، كۆپ قىسىم كىشىلەر توڭلاتقان جۇۋاۋىنى ياخشى پىشۇرالمىغاچقا، پىشۇرۇش جەريانىدا جىلىتى ئېتىلىپ قىيمىلىرى چىقىپ كېتىدۇ.

جۇۋاۋا، كۆپ قىسىم كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىك بولۇپ، مەيلى كۈدە قىيمىلىق بولسۇن ياكى گۆش پىياز قىيمىلىق بولسۇن، بىزنىڭ تاماق ئۈستىلىمىزدىكى دائىملىق ھەمر

بىراق، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدىكى ئىش ئىزلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشاش بولۇپ، بۇ خىل ھادىسە كېيىنچە "قوشكىزەكلەر ئىندۇكسىيىسى"دەپ ئاتالغان.

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى بىر ئاي ئىچىدە، ھامىيلە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ، ھامىلدار ئانا ئۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىپ بىرىشى كىرەك.

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لازىم بولىدۇ. بىراق تۇغۇتتىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال قورسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ياخشى بولالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكى ئۈچ

تۇرمۇشتا، بەزى بالىلار كەچ سائەت 8بولمايلا ئۇخلاپ قالىدۇ؛ ئەمما يەنە بەزى بالىلار بولسا، يېرىم كىچىگىچە ئۇخلىغىلى ئۇنىماي، بەزىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن تاڭ سۈزۈلگىچە

بۇ يەردىكى قىز بالىلار 12ياشقا توشقاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بەدىنىگە نەقىش ئويۇشنى باشلايدىغان بولۇپ، پىچاق بىلەن ئۆز بەدىنىگە بىر پىچاق بىر پىچاقتىن سىزىپ جاراھەت ئى

بەزىلەر، ياش ۋاقتىدا زىيادە ياخشى ئادەمگە ئۇچرىماسلىق كىرەك، بولمىسا بىر ئۆمۈر تىنچىلىنالمايدۇ دەپ ئېيتىدۇ. چۈنكى، بەك بالدۇر ئۇچراتقاندا، ياخشى كۆرىشى چوڭقۇر بو




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号