ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
19ياشلىق گىپسىي قىزىنىڭ ھەشەمگە تولغان تويى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
    19ياشلىق گىپسىي(ھازىر رۇم ئادىمى دەپ ئۆزگەرتىلدى) قىزى يىكا ۋە ئۇنىڭ 20ياشلىق ئىرى روكاس يېقىندا سىلوۋىنىيەدە توي قىلدى. ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىنىڭ خاتىرە سۈرەتلىرى تودا ئېقىپ چىققان بولۇپ، توينىڭ ھەشەم دەرىجىسى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
    تويغا كەلگەن مىھمانلار، كىلىنچەك يىكانىڭ كىيىملىرىگە ياۋرو چاپلاپ چىقتى.
    تۆت كۈنگە سوزۇلغان توي مۇراسىمى جەريانىدا، كىلىنچەك بىر مىليۇن بەش يۈز مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەن توي كۆينىكى كىيىپ ۋە چوڭ ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈك تاقاپ ئۆتكۈزگەن. تويغا كەلگەن مىھمانلار بولسا، بۇ جەرياندا كىلىنچەكنىڭ كىيىملىرىگە توشقۇزۇپ ياۋرو چاپلاپ، تورداشلارنى ھەر خىل ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان.
    بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ كېيگەن توي كىيىمى ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، ئۇلار يەنە تېخى قىممەتلىك زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىۋالغان؛ ئەر تەرەپ تاپان ھەققى تارقىتىشتا تېخىمۇ مەردلىك كۆرسەتكەن بولۇپ، بىر باغلام ياۋرونى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، نەچچە ۋاراق نەچچە ۋاراقتىن تاپان ھەققى تارقاتقان.
    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل توي مۇراسىم مەيدانى ۋە پائالىيەتلەرگە 35مىڭ ياۋرو (تەخمىنەن 260مىڭ خەلق پۇلىغا تەڭ) خەجلەنگەن بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ پۇلنى بۇنداق ھەشەم بىلەن خەجلىشىگە ھەيران قالغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号