ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەينىدە بۇ خىلدىكى ئانىلار بار
مەنبەسى : يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەربىر ئاتا-ئانا بالىسىنى تەربىيەلىگەن ۋاقىتتا، بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بولۇپمۇ بالىسى مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن، بالىسىنىڭ ئەلاچى ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، بەزى ۋاقىتلاردا سىز بالىڭىزنىڭ ئىزچىل تۈردە بەزى بالىلارغا يىتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقايسىز؛ ئوخشاش بىر مۇئەللىم ئۇقۇتۇۋاتقان تۇرسا، نىمە سەۋەپتىن بۇنداق بولىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئەلاچى ئوقۇغۇچى يىتىشتۈرۈپ چىقىمەن دىسىڭىز، ئانىلار بۇ تۆت خىل ئىشنى قىلىشى كىرەك.
بالىغا نازارەتچىلىك قىلىش
   نازارەت قىلىشنى ئۆگىنىش، ھەربىر ئانا چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك بىر ماھارەت؛ چۈنكى، بالىلار تېخى كىچىك، ئۆزىنى كونتىرول قىلىش كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، دەرس تەكرار قىلىشتا بەزىدە بوشىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار، ھەرۋاقىت بالىسىنى نازارەت قىلىپ، بالىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋە تەكرار قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كىرەك. ئاتا-ئانىلار ھۇرۇنلۇق قىلمىسا، بالىسىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلمايدۇ.
بالىغا ھەمدەمدە بولۇش
   ھەربىر بالىنىڭ قىيىن مەسىلىگە دۇچ كىلىپ  قالىدىغان ۋاقتى بار بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىسىغا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى، خوشياقمىغاندەك تاقابىل تۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋىتىشتىن ساقلىنىشى كىرەك؛ بولمىغاندا، بالىلارنىڭ مەسىلىسى بارغانسىرى كۆپىىيىپ، باشقا بالىلار بىلەن بولغان ئارىلىقى بارغانسىرى چوڭىيىدۇ، نەتىجىسىمۇ تەبىئىلا تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.
بەس تالاشماسلىق
   ھەرقانداق بىرئاتا-ئانىنىڭ بەس تالىشىش ئىدىيىسى بار؛ بولۇپمۇ بالىلارنىڭ مەسىلىسىدە، بۇ ئالاھىدىلىك تېخىمۇ بەك گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىدە بەس تالىشىدۇ، بالىلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچىكىدە بەس تالىشىدۇ دىگەنلەرگە ئوخشاش. ئاتا-ئانىنىڭ بۇنداق باشقىلار بىلەن بەس تالىشىشى، بالىغا زور بېسىم ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، نەتىجىسىگە تەبىئىلا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش
    ھەربىر ئەلاچى بالا، ھەممىسى كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ھەربىر ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىڭ كەينىدە، كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئانا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنى كىتاپ ئوقۇشقا قانچە رىغبەتلەندۈرسەك، ئۇلار ئىگىلىگەن بىلىم زاپىسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بالىلارمۇ شۇنچە ئەلاچى ئوقۇيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号