ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇلغارىيەلىك قىز دۇنيا بويىچە ئەڭ قېلىن كالپۇكقا ئىرىشمەكچى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېقىندا، باربىي قونچىقىنىڭ تەۋرەنمەس مەستانىسى بولغان بۇلغارىيەلىك بىر قىز، ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ قېلىن كالپۇكقا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمىلىيەتتە، ھازىر ئۇنىڭ كالپۇكلىرى، ئەسلىدىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.
   ئەنگىلىيە "قۇياش" گىزىتىنىڭ 20-سىنتەبىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قىز بۇ يىل 22ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىسمى ئاندىرىي.ئىۋانوۋا ئىكەن؛ بۇ قىز بولغارىيەلىك بولۇپ، ھازىر سوفىيا داشۆسىدە نىمىس تىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئىكەن.
   ئاندىرىي.ئىۋانوۋانىڭ دىيىشىچە، ئۇ 15 قېتىملىق پىلازما كسىلاتاسىنى كالپۇكىغا كىرگۈزۈش ئوپراتسىيەسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئۇ تېخىمۇ بەك خۇشاللىق ھىس قىلغان ۋە قانائەتلەنگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىرقى كالپۇكىنى تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، كالپۇكى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە چىرايلىق كۆرىنىدىكەن.
   ئاندىرىي.ئىۋانوۋانىڭ بىلدۈرىشىچە، كالپۇكىنى ھازىرقى ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئاساسى جەھەتتىن بۇلغارىيە پايتەختى سوفىيادىكى بارلىق ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باققان ھەمدە كالپۇكىغا توشقۇزۇشقا بولىدىغان دورىلارنىڭ ئاساسى جەھەتتىن ھەممىنى ئىشلىتىپ باققان.
   بۇ قىز ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىر ئىجتىمائى ئالاقە تور سەھنىسىدە، 15مىڭدىن ئارتۇق مەستانىگە ئىرىشكەن؛ ئۇ ھەمىشە بۇ ئىجتىمائى ئالاقە تور سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ رەسىملىرىنى چىقىرىش ئارقىلىق گۈزەللىكىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك، ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مەستانىلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ماختىشىغا ئىرىشپلا قالماي، يەنە بەزىبىر ئۇنىڭ قۇتۇپلاشقان سىرتقى كۆرۈنىشىگە بولغان تەنقىد خارەكتىرىكى مەزمۇنلارنىمۇ تاپشۇرۋالغان.
   دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كالپۇكقا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغاندا، ئاندىرىي.ئىۋانوۋا بۇنىڭغا قارىتا، ئۆزىنىڭ شۇنداق خىيالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كالپۇكقا ئىرىشىش مۇساپىسىدە، ئۇنىڭ يەنىلا ئاز بولمىغان رىقابەتچىلىرى بار ئىكەن؛ بىراق، ئۇ ئۆزىنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان، ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇپقا ئىگە، ھېچكىمنى دورىمىغان ۋە ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ھىس قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كالپۇكنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە قارىتا ئىشەنچىسى تولۇپ تاشقان ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号