ئايالىنىڭ تالاغا قارىغان ئىرىگە يازغان خېتى توردا داڭلىنىپ كەتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، يەنە دوست بولۇپ ئۆتۈشكە بولامدۇ؟
بۇ جاۋاپ بىرىش ئىنتايىن تەس بولغان بىر مەسىلە؛ چۈنكى، سىز بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەرسىڭىز، ئادەم ئۆزىنى ئۆزى ئالداۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ؛ ئەگەر سىز بولمايدۇ دەپ جاۋاپ بەرسىڭىز، ئەمىلىيەتتە شۇنداق قىلالىغان ئادەملەر ھەقىقەتەم مەۋجۇت.
-1-
يېقىندا توردا، بىر ئايالنىڭ تالاغا قارىغان ئىلگىرىكى ئىرىگە يازغان خېتىنى كۆردۈم.
ئىلگىرى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى گەرچە ئۇنچە باياشات بولمىسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن بەخىتلىك ئۆتكەن.
ئۇ مەھەللىسىدە كىچىك بوتكىدىن بىرنى ئېچىپ، بىر تەرەپتىن مال ساتقاچ، بىرتەرەپتىن ئۆي تۇتقان. ئۇنىڭ ئىرى بولسا، ئادەتتىكى بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ئىكەن.
ئۇلارنىڭ ئوغلىمۇ ھاردۇقنى چىقىرىپ، نوقتىلىق ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك، ئايال تىرىشىپ ئىقتىساد قىلىپ، ئوغلىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى غەملەش بىلەن مەشغۇل بولغان.
بىراق، ئۇ تېخى ئىرىنىڭ تېپىشىنىڭ ئازلىقىدىن قاقشىماستا، ئىرى ئۇنىڭ تىجەشچانلىقىدىن بىزار بولۇشقا باشلىغان ئىدى.
ئاخىرى ئىرى، خىزمەت ئورنىدىكى بىر ئايال بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ تالاغا قاراپتۇ؛ ئىرىنىڭ ئۇ ئايال خىزمەتدېشىمۇ توي قىلغان، ئىككى بالىسى بار بىر ئايال ئىكەن.
تالاغا قاراش سەۋەبى بولسا، ئايالىنىڭ كۈندە ئۇنىڭغا ئاددىيلا تاماقلارنى ئىتىپ بەرگەنلىكى ھەمدە تۇرمۇشنىڭ قىزىقى قالمىغانلىقى ئىدى. شۇڭا ئىرى ئۇ ئايال خىزمەتدېشى بىلەن چىقىپ، ھەمىشە چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرگەن.
ئايال قاتتىق ئازاپلىنىپ، ئىرىدىن ئاجرىشىپ كەتمەسلىكنى ئۆتۈنگەن؛ چۈنكى ئۇ، ئۆزىنىڭ نەچچە يىللاردىن بىرى مىڭبىر جاپادا تۇتقان ئۆيىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى خالىمايتتى ھەمدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىرى ۋە بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشقىمۇ چىدىمايتتى.
بىراق، ئىرى قاتتىق رەھىمسىزلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆيدىن چىقىپ كىتىشكە قىستىدى؛ ئىرىنىڭ بۇنداق رەھىمسىزلىكىگە قارىتا ھېچقانداق ئامال قىلالمىغان ئايال، ئاخىرى بالىسى بىلەن بىللە ئۆيدىن ئايرىلدى.

ئۆيدىن قوغلانغاندىن كىيىن، ئايال ئۆزى يالغۇز بالىسىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتتى.
كىيىنچە، بىر ئەركىشى ھەمىشە ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىلىپ نەرسە-كىرەك سېتىۋالىدىغان بولۇپ قالدى ھەمدە ئايالنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قىزغىنلىقىدىن جەلپ قىلىنىدى.
بۇ ئەركىشىنىڭ ئائىلە شارائىتى يامان ئەمەس بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىرىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ ئايالىدىن ئاجرىشىپ بويتاق ئۆتىۋاتقان ئادەم بولغاچقا، ئىككەيلەن ناھايىتى تىزلا بىر ئۆيگە كىردى.
ئەر ئۇنىڭ تىجەشلىك بىلەن ئۆي تۇتىشىدىن، ھاردىم-تالدىم دىمەسلىكىدىن زوقلىناتتى.
ئىككەيلەن توي قىلغاندىن كىيىن، بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن شۇنداق بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى؛ بۇ ئىرى تېخى، ئايالنىڭ بالىسىنى چەتئەلگە چىقارتىپ ئوقۇتتى.
ئۇنىڭ ھېلىقى تالاغا قارىغان ئىلگىرىكى ئىرى بولسا، ھازىر يەنىلا ئاساسى قاتلام مەمۇرى خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، يەنە تېخى ئۈچىنچى شەخىسنىڭ بالىلىرىنى باقمىسا بولمايتتى. ئىلگىرىكى ئىرىنىڭ ھېچقانداق بىر ئالغا ئىنتىلىش روھى بولمىغاچقا، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، ھەمىشە كىرىم چىقىمنى قامدىيالماي ئۆتەتتى.
ئايال تورغا چىقارغان خېتىدە، ئىرىنىڭ رەھىمسىزلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقى بەختىنى تېپىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان ئىدى.
ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: " مەن ئىلگىرى، خاتا يولدا شۇنچە ئۇزۇن مېڭىپتىمەن؛ بىراق، ھەرھالدا تەلىيىمگە يارىشا، يۈرەكتە قالغۇدەك ئازاپنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئاخىرى نىمىنىڭ ھەقىقى بەخىت ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم."
بۇ ھىكايىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن، مەن ھەقىقەتەن، بۇنچە ياخشى ئايالنى ئەركىسىگە قويۇپ بەرگەن ھەمدە مۇنەۋۋەر بىر ئەرنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن، ئايالنىڭ ئىلگىرىكى ئىرىغا راستىنلا رەھمەت ئېيتىشى كىرەكلىكىنى ھىس قىلدىم.
رەھىمسىز ئادەم، بىر خىل ئۈنۈملۈك دورا بولۇپ، ئادەمگە ئۆزىنىڭ قەلبىنى ئىنىق تۇنىتىدۇ؛ مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئادەم بولسا، بىر خىل زەھەرلىك دورا بولۇپ، ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈش ياكى ياخشى كۆرمەسلىك قاينىمى ئارىسىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

-2-
بىر ئوقۇرمەن ماڭا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئەمما توي قىلىپ بولغان بىر ئەرگە ئۇچراشقانلىقىنى، ئەمما ئۇ ئەرنىڭ كەسكىن تۈردە ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى رەت قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇ ئوقۇرمەن يەنىلا بۇ ئەركىشىگە ئىنتايىن زوقلىنىدىكەن؛ بۇ ئوقورمەننىڭ دىيىشىچە، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئەر رەت قىلمىغان بولسا، ئۇ بەلكىم خاتا يولغا دەسسەپ، باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزغان پەسكەش ئادەمگە ئايلىنىىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇ ئەر، بۇ ئوقۇرمەنگەن بەزى ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بەزى چەك-پىرىنسىپلارغا تىگىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، تۇرمۇشقا قارىتا ھېچقانداق ئاخىرىقى چەك-پىرىنسىپى بولمايدۇ؛ ھەرقانداق ئادەمگە ئىككى بىسلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئاللىقاچان ئىگە بولۇپ بولغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆز ئالدىدىكى قىزىقتۇرۇشلارنى قولدىن كەتكۈزۈۋىتىشنى خالىمايدۇ.
ئەمما رەھىمسىز كىشىلەر بولسا، مۇھەببەت جەھەتتە چىگرا تۇيغۇسى ئىنىق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردا ھىسيات يوق ئەمەس، بەلكى ئۇلار بەزى ئىشلارنىڭ ئاخىرىقى چەك پىرىنسىپقا تاقىشىدىغانلىقىنى ھەمدە تىگىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن كىشىلەردۇر.

ئۇلار مۇھەببەتنىڭ شەخسيەتچى كىلىدىغانلىقىنى، بىر ئادەمگە ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئىكەن، ئىككىنچى ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئۇلار مۇھەببەتكە ساداقەتمەن بولۇش كىرەكلىكىنى، بۇنىڭغا ئىرىشكەن ئىكەن، ئۇنىڭغا ئېسلىۋىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
مۇھەببەت چەك-چىگرانى ئىنىق ئايرىيالىغان ئادەم، ئاندىن مۇھەببىتى ئەڭ چوڭقۇر ئادەم ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى، ياخشى كۆرمىگەن ئادەمگە قىلىنغان مۇلايىملىق، ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىگە قىلىنغان رەھىمسىزلىكتۇر.