ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەتىگەندە ئىلمان قايناقسۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەنگە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ
   ئىلمان قايناقسۇ ئىچىش، ئاشقازاننىڭ يېغىلىپ تارىيىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان بولۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ كىيىنكى بىر كۈنلۈك قانۇنىيەتلىك پائالىيىتىگە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇقنىڭ بەدەنگە تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ
   بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچكەندىن كېيىن، بەدەندىكى ئارتۇق ماي تەركىبلىرى ۋە باشقا ساقلىنىپ قالغان زەھەرلىك ماددىلارنىڭ مىتابولىزىملىنىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. بۇ جەريان، بەدەندىكى ئەخلەت ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئەڭ ئاخىرىدا قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق
   ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، مىتابولىزىم سۈرئىتىنى ئاشۇرىدۇ؛ بۇنىڭدا، بەدەندە خورايدىغان ئېنىرگىيە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.
چوڭ تەرەت راۋان بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
   قەۋزىيەت مەسىلىسى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاۋارە قىلىدۇ؛ بۇ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ قىمىرلىشىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، بەدەندە سۇ تەركىبى كەمچىل بولۇشتۇر. ئەتىگەندە ناشتا قىلىشتىن بۇرۇن ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلاشقا بولىدۇ.
بەدەندىكى ئاغرىق تۇيغۇسىنى يېنىكلىتىدۇ
   ئاياللار ھەيىز كۆرگەن ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ تەسەللى بىرىشتە ئىشلىتىدىغان ئەڭ كۆپ بىر ئېغىز گېپى: "سۇنى كۆپرەك ئىچىڭ" دىيىشتۇر. بۇنىڭ بەلگىلىك ئىلمىي ئاساسى بار بولۇپ، ئىلمان قايناقسۇ قورساق مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرالايدىغان بولغاچقا، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى ياخشىلىيالايدۇ.
بەدەننىڭ قېرىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىدۇ
   بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋە "ئەخلەتلەر" قانچە كۆپ بولغانسېرى، بەدەننىڭ قېرىپ كېتىش سۈرئىتى شۇنچە بەك تېزلىشىدۇ ھەم ئادەم ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدۇ. ئىلمان قايناقسۇ ئىچىش بەدەن مىتابولىزىمىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق بولۇش بىلەن بىرگە، زىيانغا ئۇچرىغان تېرە ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، تىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرالايدۇ.
ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ
   ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، كەچتە تېخىمۇ ياخشى ئۇخلىيالايمىز. ئەگەر كەچلىك تاماقتىن كېيىن، يەنە داۋاملىق ھالدا يىتەرلىك مىقداردا قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەننى بوشىتىپ، نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号