ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قوشكىزەك ئاچا-سىڭىل بىلەن توي قىلغان يىگىتنىڭ پۇشايمىنى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئالىملار ئىلگىرى بىر تەجىرىبە ئىشلىگەن، ئۇلار بىر جۈپ قوشكىزەكنى، تۇغۇلۇشى بىلەنلا بىر-بىرىدىن ئايرىپ بېقىپ چوڭ قىلغان؛ بىراق، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدىكى ئىش ئىزلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشاش بولۇپ، بۇ خىل ھادىسە كېيىنچە "قوشكىزەكلەر ئىندۇكسىيىسى"دەپ ئاتالغان.
   كورىيەنىڭ سىئولدا، بىر جۈپ چىرايلىق قوشكىزەك ئاچا-سىڭىل بار بولۇپ، ئۇلار كىچىكىدىنلا بىرگە چوڭ بولغان ھەمدە ئوخشاش بىر ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقىغان.
   ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن ئوخشاش بىر ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئاچا-سىڭىل ھەر ئىككەيلەن بىلەن مۇھەببەتلىشىشىگە قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن؛ چۈنكى، ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەننىڭ خاراكتېرى ۋە قىزىقىش ھەۋەسلىرى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن.
   ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا، ئۇلار ئۆزلىرىنى بىر ئادەم دەپ قارىغان. ئوغۇل تەرەپمۇ بىر مەھەل ئويلاشقاندىن كېيىن، ئىككى ساھىبجامالنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۈچەيلەن ناھايىتى تېزلا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
   لېكىن، تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش، ئوغۇل بالا ئويلىغاندەك ئۇنداق گۈزەل بولمىغان. چۈنكى، يىگىت ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەنگە مۇتلەق دەرىجىدە تەڭپۇڭ مۇئامىلە قىلالمىغان بولغاچقا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھەمىشە بەزىبىر ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەر كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يىگىت ھەر قېتىم سوۋغات سېتىۋالغاندا ئىككى كىشلىك سېتىۋىلىشقا، كىيىم سېتىۋالغاندىمۇ ئىككى كىشىلىك سېتىۋىلىشقا مەجبۇر بولغان، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭغا ناھايىتى زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن.
   بۇنداق تۇرمۇش يىگىتنى تۈگىمەس غەملەرگە پاتۇرۇپ قويغان بولۇپ، يىگىت ئاخىرى ئاچا-سىڭىل قوشكىزەكلەر بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشنى تاللىغان؛ چۈنكى، ئۇ كىيىنكى ئۆمرىدىكى ھەر بىر كۈننى بۇنداق ھارغىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشنى خالىمىغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号