ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
O قان تىپىدىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   دىققەت! ئەگەر يېنىڭىزدا O قان تىپىدىكى ئادەم بار بولسا، بۇ سىزگە ئۇچرىغان بەخت، ياخشى قەدىرلەڭ!
   Oقان تىپىدىكى كىشىلەر مېھىر-مۇھەببەتنى ھەممىدىن چوڭ بىلىدىغان بولۇپ، پەقەت چىن كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلغان دوستى بولسىلا، ھەممىسىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ. O قان تىپىدىكى كىشىلەر باشقىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىشقا ئادەتلەنمىگەن؛ لېكىن ئۇلار، ئەگەر بىر ئىشنى قىلىشنى قارار قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئاداققىچە بەرداشلىق بىرىپ داۋاملاشتۇرىدۇ.
   Oقان تىپىدىكى كىشىلەر، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىپ قېلىشىغا قاراپ ياش تۆكۈشكە رازىكى، ئېغىز ئېچىپ ئۇنى تۇتۇپ قالاي دېمەيدۇ. Oقان تىپىدىكى كىشىلەر كۆڭلى يېرىم بولغان ۋاقىتتا، مەقسەتلىك ھالدا خاپىچىلىقلىرىنى يۇشۇرىدۇ ھەمىشە ئۆزىنى مۇستەقىل ھەم قەيسەر كۆرۈسىتىشكە تېرىشىدۇ. O قان تىپىدىكى كىشىلەر، سىرتقى كۆرۈنۈشتە قەيسەر ۋە ئېغىزى قاتتىق كېلىدۇ، ئەمما ئىچكى دۇنياسى ئاسانلا ئازابقا ئۇچرايدۇ.
   Oقان تىپىدىكى كىشىلەر ناھايىتى ساداقەتمەن كېلىدۇ، بىرەر ئادەمنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالسىلا، ئۇلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ئەجەللىك بىر ئىش بولۇپ، ئۇ ئادەمنى قەلبىدە مەھكەم ساقلايدۇ. Oقان تىپىدىكى كىشىلەر ئاسانلا باشقىلاردىن تەسىرلىنىدۇ. Oقان تىپىدىكى كىشىلەر ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى بىپەرۋا، ھېچنىمە بىلەن ھېسابلاشمايدىغان كېلىدۇ؛ لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا، سىزگە يول قويۇۋاتقىنى بولۇپ، ھېچنىمىنى بىلمەس قىياپەتكە كېرىۋالىدۇ.
   Oقان تىپىدىكى كىشىلەر ناھايىتى ئادىل كېلىدۇ، ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى، ئالدامچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ. O قان تىپىدىكى كىشىلەر كىچىك بالىغا ئوخشاش جاھىل بولۇپ، خاتالاشقان تەقدىردىمۇ، كېيىنكى قېتىمدىمۇ يەنە جاھىللىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ.
   Oقان تىپىدىكى كىشىلەر قورقماس كېلىدۇ ھەم مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىدۇ؛ ئەمما ئۇلارنىڭ سىرتقا ئىپادىلەيدىغىنى، ئۆزىنىڭ شىجائەتلىك تەرىپى بولىدۇ. Oقان تىپىدىكى كىشىلەر ئاداۋەت ساقلىمايدىغان بولۇپ، ئاچچىقلىنىپ قالغان كىچىك ئىشلارنى ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ. Oقان تىپىدىكى كىشىلەر باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدىغان بولۇپ، ياخشىلىققا چوقۇم ياخشىلىق قايتۇرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号