ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دىئابىت كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ساغلاملىق تاماق رىسالىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   دىئابىت كېسەللىكىگە(قەنت سىيىش كېسەللىكى) گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، دورا ئىچىشتىن باشقا ئەڭ مۇھىم بولغىنى، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش بولۇپ، قانچىلىك يىيىش، قايسى ۋاقىتتا يىيىش ۋە نېمىلەرنى يىيىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى، ھەر كۈنى دېگۈدەك دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ئادەتتە، دىئابىت كېسەللىكى تۆۋەندىكى تائاملاردىن قورقىدىغان بولۇپ، بۇ رىسالە بويىچە ئۇزۇقلانسىڭىز،قېنىڭىزنىڭ قەنت مىقدارى مۇقىم تۇرىدۇ.
ئالقات قوشۇپ قورۇلغان چار خەمەك
   خام ماتېرىيالى: 30گىرام ئالقات، 200گرام چار خەمەك(苦瓜)
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئالقاتنى پاكىزە يۇغاندىن كېيىن سۇغا چىلاپ قويىمىز؛
   2. چار خەمەكنى پاكىزە يۇغاندىن كېيىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ، ئۈستىگە ئازراق تۇز قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق ۋاقىت قويۇپ تۇزلايمىز؛
   3. چار خەمەكنى تۇزلاپ بولغاندىن كېيىن، قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئالدى بىلەن غولپىياز مايسىسى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن ئالقات بىلەن چار خەمەكنى بىللە سېلىپ قورۇيمىز.
   4. چار خەمەك پىشاي دېگەندە، ئۆزىمىزنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن تەم خۇرۇچلىرىنى قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
چار خەمەك قوشۇپ دۈملەنگەن دۇفۇ
   خام ماتېرىيالى: 250گىرام چار خەمەك، 200گىرام دۇفۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. چار خەمەكنى ياپراقچە قىلىپ توغرايمىز؛ دۇفۇنى مۇۋاپىق چوڭ-كىچىكلىكتە توغرايمىز.
   2. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، ئاۋۋال چار خەمەكنى سېلىپ قورۇيمىز؛
   3. تۇز ۋە غولپىياز مايسىسى قاتارلىق خۇرۇچ ماتېرىياللىرىنى قوشىمىز.
   4. ئۈستىگە سۇ قۇيغاندىن كېيىن، دۇفۇنى سېلىپ بىللە دۈملەپ پىشۇرساقلا بولىدۇ.

دۇفۇ قېقى قوشۇپ تەملەشتۈرۈلگەن پالەك
   خام ماتېرىيالى: 150گىرام دۇفۇ قېقى، 250گىرام پالەك
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. دۇفۇ قېقىنى قايناقسۇغا سۇغا چىلاپ ئازراق ۋاقىت دۈملەپ قويغاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىنى قۇرۇتۇپ سوۋىتىمىز.
   2. سوۋۇتقاندىن كېيىنكى دۇفۇ قېقىنى بۆلەك ھالىتىدە توغراپ قاچىغا سالىمىز؛ ئۈستىگە تۇز قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   3. پالەكنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، قايناقسۇغا بېسىپ پىشۇرغاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۇۋۇتىمىز.
   4. پالەك سۇۋۇغاندىن كېيىن بۆلەك ھالىتىدە توغراپ، دۇفۇ قېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号