ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئۇنداقتا، بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟
بەش جىڭ تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن سۈپىتى نسىبەتەن ئاجىز كىلىدۇ
    يىڭى تۇغۇلغان بوۋاققا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقى ئاران بەش جىڭ بولسا، ئۇنداقتا بۇ بوۋاق بىرقەدەر كىچىك ھەم ئۇرۇق كەلگەن بولىدۇ؛ بۇ ئەھۋال، ھامىيلىنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىكى ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈشى يىتەرلىك بولالمىغانلىقىنى، تۇغۇلغاندىن كىيىنكى بەدەن سۈپىتى نىسبەتەن ئاجىزراق كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ خىلدىكى بوۋاقلارنى ياخشى ئاسرىمىغاندا، ئاسانلا كىسەل بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر ئاياللار بالىسىنى تۇغۇلغاندىن كىيىن كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولۇپ قالمىسۇن دىسە، ئۇلار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلىشى لازىم.
سەككىز جىڭ تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ
    سىز ئۈچ جىڭ پەرقنى كىچىك چاغلاپ قالماڭ؛ بەش جىڭ تۇغۇلغان بوۋاق ئۇرۇق ھەم جۇغى كىچىكرەك كەلگەن بولسا، سەككىز جىڭ تۇغۇلغان بوۋاق شۈبھىسىز، بەدەن ئېغىرلىقى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بوۋاق ھىسابلىنىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بوۋىقىنىڭ بۇنداق چوڭ ھەم سېمىز تۇغۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ياخشى يىتىلىپتۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ئەمىلىيەتتە بۇ قاراش خاتا. سەككىز جىڭ تۇغۇلغان بوۋاق، تىبابەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن دائىرىگە تەۋە بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال تۇغۇش جەريانىدا جاپا تارتىپلا قالماي، ھەتتا بەزىدە تۇغۇتى تەسلىشىپ قېلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى ماي تەركىبى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم چۈشۈرۈپ قويىدۇ.  شۇڭا بۇ خىلدىكى بوۋاقنى بېقىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچمىكىگە چوقۇم دىققەت قىلىش كىرەك؛ بولمىغاندا، بالا زىيادە سەمىرىپ كىتىپ، سالامەتلىكىگە زىيان يىتىدۇ.
ئالتە جىڭ تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ ئۆلچەملىك ھىسابلىنىدۇ
    ئەگەر سىزنىڭ بوۋىقىڭىز ئالتە جىڭ ئەتراپىدا تۇغۇلغان بولسا، ئۇنداقتا مۇبارەك بولسۇن! بۇ، بوۋاقلارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان ھەمدە ئەڭ ئۆلچەملىك بولغان بەدەن ئېغىرلىقىدۇر. بۇ خىلدىكى بوۋاقلار، ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئۇزۇقلۇق قۇبۇل قىلىشى يىتەرلىك بولغان، ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ يىتىلىشىمۇ نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان بولىدۇ. بۇ خىل بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسى پەقەت توغرا ئۇسۇلدا بېقىپ ئاسراپ بەرسىلا، ئۇلار ئىنتايىن ساغلام ھالدا چوڭ بولىدۇ.
    ئەگەر سىزمۇ ئالتە جىڭ ئەتراپدىكى بوۋاقتىن بىرنى تۇغۇشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا ھامىلار ۋاقتىڭىزدا، مۇۋاپىق بولغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتى يىتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بەزىبىر تەنتەربىيە چېنىقىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىكى ئۆزگىرىشكە كۆپرەك دىققەت قىلىپ بەرسىڭىز، بۇنىڭدا ئۆزىڭىزگە ھەم قورسىقىڭىزدىكى بالىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号