ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
باناننىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بانان، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەممىمىزگە تولىمۇ تونۇشلۇق؛ ئۇنداقتا، باناننىڭ بەدەنگە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
قان بېسىمىنى تەڭشەش
   قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، زىيادە مىقداردا ناترىي قوبۇل قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇناسىپ ھالدا كۆپرەك كالىي ماددىسى قوبۇل قىلساق، قان بېسىمنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولىدۇ. باناننىڭ كالىي تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، 126گىرام ئېغىرلىقتىكى (ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتىكى) بانان تەركىبىدە 422 مىللىگىرام كالىي بار.
زىققىنى ياخشىلايدۇ
   تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر تال بانان يەپ بەرگەن بالىلارنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى، بانان يىمىگەن بالىلارغا قارىغاندا %34 تۆۋەن بولىدىكەن.
راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
   بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە، بانان، ئاپلىسىن قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن؛ بۇ خىل مىۋىلەردىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار، راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەركىن رادىكاللارنىڭ شەكىللىنىشىگە قارشى تۇرالايدۇ.
يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق
   بانان تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى، كالىي، ۋىتامىن C قاتارلىقلارنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىسى بار. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئوخشاش، كالىي ماددىسى قوبۇل قىلىشنى ئاشۇرۇش ۋە ناترىي قوبۇل قىلىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
دىئابىت كېسەللىكىنى ياخشىلايدۇ
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تالا ماددىسى تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا، دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ قېنىدىكى قەنت مىقدارى تۆۋەنلەيدىكەن. بىر تال بانان تەركىبىدە، ئادەتتە 3گىرام ئەتراپىدا تالا ماددىسى بار.
ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
   قورساق ئاغرىپ ئىچى سۈرۈپ قالغان ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنىدىكى كالىي ماددىسى خوراپ كېتىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئادەم ئۆزىنى ماغدۇرسىزلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. بانان بۇ خىل ئەھۋالنى ياخشىلىيالايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号