ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشەلەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نۇرغۇن كىشىلەر، يېشىغا يىتىپ قالغاندا، مۇنداقلا مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلسا بولىدۇ دىيىشىدىكەن. بىراق، زادى قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىزنىڭ چۈشىنىپ كىتەلىشىمىز ناتايىن؛ بەلكىم تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىلى ئەڭ ياخشى ھىسابلىنىشى مۇمكىن.
ئۈچ ئايلىق شىرىن مۇھەببەتكە چۆككەن ئاشىق-مەشۇقلار
    ئەمدى بىخلىنىپ چىققان يۇمران نوتىلارنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىلىدۇ؛ بىز ئەمدى مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، خۇشاللىققا تولىمىز؛ دەسلەپكى ناتۇنۇشلۇقتىن ھازىرقى تەدرىجى تۇنۇشۇپ چۈشىنىشكىچە بولغان جەرياندا، بىر-بىرىمىزنىڭ ئادەتلىرىنى ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشىنىپ يىتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھەببەتلىشىپ دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە، مۇھەببەت ھەمىشە شىرىنلىك مەزگىلىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرلۇقتىكى ھەربىر ئىش يىڭىلىق تۇيغۇسىغا ۋە ھىسيات تۈسىگە ئىگە بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتىكى ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن خۇشال كىلىدۇ.
بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان يېرىم يىللىق ئاشىق-مەشۇقلار
    بىز ئادەتتە ئۈچ ئايلىق شىرىن مۇھەببەت مەزگىلىنى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، يېرىم يىللىق ئېشىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىمىز. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، مۇھەببەتلەشكەن ئىككى تەرەپ، يېرىم يىللىق مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، بىر-بىرىنىڭ قىزىقى ھەۋەسلىرىگە قارىتا تۇلۇق چۈشىنىش ھاسىل قىلىدۇ؛ شۇڭا بۇ ۋاقىتتىكى ئاشىق-مەشۇقلارنى، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان يېرىم يىللىق ئاشىق مەشۇقلار دەيمىز. بۇ ۋاقىتتا، ئاشىق-مەشۇقلار، قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئويلىشىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يىتىدۇ.
بىرى-بىرىنىڭ قانىتى ھىسابلىنىدىغان ئىككى يىللىق ئاشىق-مەشۇقلار
    مۇھەببەتلىشىپ ئىككى يىلغا بارغان ئاشىق-مەشۇقلار، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى بىر-بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلاردىندۇر. چۈنكى، نۇرغۇن ئاشىق-مەشۇقلار ئەڭ تەخمىنەن بىر يىل بولغان مەزگىللەردە، بىر-بىرىگە ماس كەلمىگەنلىك، ياكى باشقا بىرەرسىنى تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈپ قېلىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يوللىرىغا مېڭىشىدۇ. شۇڭا مۇھەببەتلىشىپ ئىككى يىلغا يىتەلىگەن ئاشىق-مەشۇقلار ئاساسى جەھەتتىن ھەممىسى بىر-بىرىگە سەمىمى مۇھەببەت بېغىشلىغانلاردىن بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بۇ ۋاقىتتا ئۇلار توي قىلىشنى ئويلاشسا بولىدۇ. چۈنكى، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان بىر ئادەمنى ئۇچرىتىش، ھەقىقەتەن بەك تەس.
ھاياتلىق مۇساپىسىنى قول تۇتۇشۇپ بىرگە تۈگىتىشنى قارار قىلغان ئۈچ يىللىق ئاشىق-مەشۇقلار
    ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن چاچلىرى ئاقىرىپ دۇنيادىن خوشلاشقىچە بىرگە بولۇش، مىنىڭچە ھەربىر ئادەمنىڭ مۇھەببەتكە تۇتقان ئەڭ گۈزەل ئارزۇسى بولسا كىرەك. گۈزەللىككە ۋە بەخىتكە تولغان ھەر بىر بۆلەك مۇھەببەتتە، بىر نەچچىلىگەن ھەم ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈش لازىم بولىدىغان بولۇپ، ئۈچ يىللىق مۇھەببەتلىشىش، ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتلىشىش ۋاقتىنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، مۇھەببەتلىشىش بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئاددىيلىشىپ سۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن؛ بەك قىسىقا بولۇپ كەتسە، ئۆز-ئارا چۈشىنىش يىتەرلىك بولماي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا مىنىڭچە، مۇھەببەتلىشىش ۋاقتى ئۈچ يىلغا سوزۇلسا ئەڭ ياخشى بولغان ھىسابلىنىدۇ.
    بىر-بىرىگە تايانچ بولىدىغان ھەم يول قويىدىغان ھەمرا تېپىش، ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. بىز، دەبدەبىلىك بىر مەيدان مۇھەببەتلىشىشنى ئويلاشقان ۋاقتىمىزدا، كەلگۈسىدە بۇ مۇھەببەت ئېلىپ كىلىدىغان نەتىجىگە قارىتا ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىشىمىز كىرەك؛ مەيلى قول تۇتۇشۇپ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرىغىچە بىرگە بولۇش بولسۇن ياكى بىر مەزگىلدىن كىيىن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز يولىغا مېڭىش بولسۇن، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىككەيلەننىڭ ئەڭ چوڭ جاسارىتى بىلەن يۈزلىنىشى لازىم بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号