ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تازىلىق ئىشچىسى بىلەن دوستلاشقان ئۈچكىزەك ئالقىش تاپتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يېقىندا، ئامىرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى ئۈچكىزەك ئاچا-سىڭىل توردا قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتى؛ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ كەتكىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئولتۇراق رايونىدىكى تازىلىق ئىشچىلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانلىقى ئىدى. ھازىر توردا، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان مەستانىلىرى بار بولدى.
    شىتۇن، ھارىد، خوردۇن ئۈچى، ئىككى ياشلىق ئۈچكىزەك ئاچا سىڭىل بولۇپ، ئۇلار تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى رىياسەتچىسى ماشا بىلەن ئۇنىڭ ئىرى روبىرتنىڭ بالىلىرى. باشقىلارنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغىنى، بۇ ئۈچكىزەك ئاچا-سىڭىلنىڭ، ئولتۇراق رايوندىكى تازىلىق ئىشچىلىرى بىلەن ئەڭ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغانلىقى ئىدى.
    ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئەتىگىنى، شاكىچىكلەر يول بويىدا دوستلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ماشانىڭ دىيىشىچە، بەزىدە ئۇلار بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن ۋاقىتتا، ساقلاپ بولالماي سەكرىشىپ چۇقىرىشىپ كىتىدىكەن.
    شاكىچىكلەر ھەمىشە قولىدا بەزىبىر يىمەكلىكلەرنى ياكى ئىچىملىكلەرنى ئېلىپ، يول بويىدا دوستلىرىنى ساقلايدىكەن ھەمدە قولىدىكى نەرسىلىرىنى ئۇلارغا سوۋغا قىلىدىكەن.
     كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ بىر بۆلەك دوستلۇق، ئۇلار تېخى كىچىك بوۋاق ۋاقتىدىلا باشلانغان. ئۇلار ئەمدى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئانىسى ئۈچ بوۋىقىنى بوۋاقلار ھارۋىسىغا سېلىپ سەيلى قىلىشقا ئېلىپ چىققاندا، بوۋاقلار بۇ تازىلىق ئىشچىلىرىغا دىققەت قىلغان ئىدى. تازىلىق ئىشچىلىرىمۇ ھەر قېتىم ئۇلارغا قول پولاڭلىتىپ سالام قىلاتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، تازىلىق ئىشچىلىرى بىلەن بالىلار ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە بارغانسىرى كۆپىيىپ بارغان بولۇپ، ھازىرغا كەلگەندە، ئۇلار ئاساسەن كۈندە دىگۈدەك يۈز كۆرىشىدۇ. بۇ جەريانىدا، گەرچە تازىلىق ئىشچىلىرى ئۆزلۈكسىز تۈردە ئالمىشىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ بۇ توپتىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان. ماشا، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى تەسىرلىك مىنۇتلارنى سۈرەت ئاپاراتى ئارقىلىق خاتىرىلەپ تورغا چىقارغاندىن كىيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن ھەمدە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号