ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قورسىقىدا ئۇماچ يوقلارغا پايدىلىق چۆپ چىقىپتۇ، كۆرۈپ بېقىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-12 كۆرۈلىشى : قېتىم

   چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇم يەپ باقمىغان. ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، بۇ خىل چۆپ "دەستۇر چۆپى" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئۈستىگە ھەرخىك كىتاب-دەستۇرلاردىن نەقىل ئېلىنغان مەزمۇنلار ئويۇلغان؛ بۇ خىل چۆپنى پىشۇرغاندىن كېيىنمۇ، يۈز قىسمىغا ئۇيۇلغان خەتلەر ئۆچۈپ كەتمىگەن.
   بۇ خىل چۆپنى مەلۇم بىر ئاشخانا خوجايىنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، باھا جەھەتتە ئادەتتىكى چۆپكە قارىغاندا قىممەترەك بولغان، بىراق تەمى ھەقىقەتەن يىيىشلىك چىققان. بەزى خېرىدارلار چاقچاق قىلىپ، بۇ چۆپنى يېگەندىن كېيىن، "قورسىقىمدا ئۇماچ يوق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن" دەپ ئېيتقان. بۇ خىل چۆپنىڭ يۈز قىسمىدىكى خەتلەر، بوغداينى ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان رەڭ ماددىسىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، بامبۇك قەلەم ئىشلىتىپ يېزىلغان.
   بۇ خىل چۆپنى ئۆيدە تەييارلاشمۇ ئۇنچە قىيىنغا توختىمايدۇ. ئادەتتىكى نورمال ئۇسۇل بويىچە چۆپنى تەييار قىلىۋالغاندىن كېيىن، چۆپ ئۈستىگە كىچىك پىچاق ياكى ئۇچى ئۇچلۇق ئۈسكۈنە ئىشلىتىپ، ئۆزىمىز يازماقچى بولغان خەتلەرنى ئويۇپ چىقساق ھەمدە ئويۇپ بولۇپ قازانغا سېلىپ پىشۇرساقلا بولىدۇ.
   بۇ خىل چۆپ تەييار قىلغان ۋاقىتتا، ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشىغا ئاساسەن، قىچا ياكى قىزىل مۇچ قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەييارلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号