ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار بۇ خىل چاقچاقلارنى رەت قىلمىسا
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
    رىئال تۇرمۇشتا، ھەربىر ئايال كىشى ئۆز بەختىنى قوغلىشىدۇ؛ بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندىن كىيىن، كۆپ قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلار كۆڭلىدە بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈپ ئۆتىشىدىغان بىر ئادەمنى ئۇچرىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە يەتكەندىن كىيىن، ئايال كىشى ياش ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ پىشىپ-يىتىلىدۇ ۋە سالماق بولىدۇ. كۆڭلىدە مۇھەببەتنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما يەنىلا خالىغانچە ئىش كۆرۈشنى تاللىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار بىر بۆلەك مۇھەببەتكە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ نەزىرى تېخىمۇ ئىنچىكىلىشىپ، تاللاش جەھەتتىمۇ تېخىمۇ ئىھتىياتچان بولۇپ كىتىدۇ.
 
   ئەمما، ئەگەر ئۇلار بىرەرسىنى ئىتراپ قىلىپ، شۇنى ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان ئادەمكەن دەپ قارىسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئۆز بەختىنى چىڭ قاماللاپ، قايتا ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ. ئىككەيلەن ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىش جەريانىدا، ئوتتۇرا ياشلىق ئايال كىشى ئەگەر سىزنىڭ تۆۋەندىكىدەك "چاقچاق" قىلىشىڭىزنى رەت قىلمىسا، كۆپىنچە سىزگە كۆڭۈل بىرىپ قويغان بولىدۇ.
سىزنىڭ ئۇنىڭ بەدەن شەكلىگە باھا بىرىشىڭىزنى رەت قىلمايدۇ
    ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەربىر ئايال كىشىنىڭ بەدەن شەكلىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ. يىللار ئادەمنى ئاياپ قويمايدۇ، ئۇلارمۇ ياش ۋاقتىدىكىدەك ئۇنداق گۈزەل ھۆسنىنى تۇلۇق ساقلاپ قالالمايدۇ. بىراق شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلى ۋە باشقىلارنىڭ قانداق قارىشىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارايدۇ.
   ئەگەر باشقىلار ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىگە قارىتا بىرەر نەرسە دىسە، ئۇلاردا بىر خىل ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ھەم قارشى تەرەپكە ئۆچ بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بەدەن شەكلى جەھەتتىكى تېمىغا چېتىلىپ قالسىلا، ئۇلار ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ كىتىدۇ.
   ئەگەر بىر ئايال كىشى سىزنىڭ ئۇنىڭ بەدەن شەكلىگە باھا بىرىشىڭىزگە يول قويسا، ئۇنداقتا بۇ، ئۇنىڭ كۆپىنچە سىزگە كۆڭۈل بىرىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەلكىم سىزنىڭ بەرگەن باھايىڭىز ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن؛ بىراق، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، سىزنى ئەپۇ قىلىۋىتىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىدە سىز باشقىلارغا ئوخشىمايسىز، شۇڭا سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزنى بەك كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ.
سىزنىڭ ئۇنىڭ "ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان" ھالەتلىرىنى تىلغا ئېلىشىڭىزنى رەت قىلمايدۇ
    رىئال تۇرمۇشتا، بىز بەزى ۋاقىتلاردا بەزىبىر ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنالمايمىز؛ كۆپ قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ، ئەھۋال ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان بىر ئىش ھىسابلىنىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە ئاياللار ئۆزىنىڭ بۇنداق ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىشلىرىنى كۆڭلىدە ساقلاپ، باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، باشقىلارنىڭ سىرتقا يېيىۋىتىشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ؛ باشقىلار ئىھتىياتسىزلىقتىن ئاشكارىلىۋىتىپ سالسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى رەنجىپ ھەرگىز كەچۈرۋىتەلمەيدۇ.
   ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە، ئاياللار ياش ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ غۇرورى ۋە ئابرويىغا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىدىغان بولۇپ كىتىدۇ. شۇڭا ئۇلار مەيلى قانداق سورۇندا بولمىسۇن، گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشقا ناھايىتى بەك دىققەت قىلىپ، ئۆزىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن قاتتىق ئىھتىيات قىلىدۇ. بىراق، ئەگەر بىر ئايال كىشى سىزنىڭ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىشلىرىڭىزنى سۆزلىشىڭىزگە يول قويسا، ئۇنداقتا ئۇ كۆپىنچە سىزگە كۆڭۈل بىرىپ قويغان بلىدۇ.
   گەرچە سىزنىڭ چاقچىقىڭىز ئۇنى ئازراق ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويسىمۇ، ئەمما ئۇ سىزنى چىن كۆڭلىدىن چەتكە قاقمايدۇ، سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزنى كۆڭلىگىمۇ ئېلىپ كەتمەيدۇ.
ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆز مەيلىڭىزچە بىكىتىۋىلىشىڭىزنى رەت قىلمايدۇ
    ئادەتتە، ھەربىر ئايال كىشى ئۆزىنىڭ نام ئابرويىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ۋاقىتتا، ئايال كىشى باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ نام ئابرويىنى تىلغا ئېلىپ چاقچاق قىلىشىنى خالىمايدۇ.
    ئەگەر بىر ئايال كىشى، سىزنىڭ ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئالدىڭىزغا بىكىتىپ سۆزلەپ يۈرىشىڭىزگە يول قويغان ۋاقىتتا، بۇ ئۇنىڭ ئەمىلىيەتتە سىزگە كۆڭلى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەسىلەن، سىز ئەگەر ئۇنىڭغا "ئىككىمىز ئەر-خوتۇنلارغا ئوخشىشىپ كىتىدىكەنمىز" دەپ ئېيتسىڭىز ياكى "سىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق ياخشى ئايالدىن بىرنىڭ بىلەن توي قىلسام دەيمەن" دىسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىزدىن بىزارلىق ھىس قىلىپلا قالماي، كۆڭلىدە يەنە ئازراق خۇشال بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئەھۋال، ئۇنىڭ سىزنى ئۆز ئادەم ھىسابلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
    ئۇ، سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنە بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ شۇڭا، ئەگەر ئىككىڭلار راستىنلا ئەپلىشىپ قالساڭلار، ئۇمۇ ئۆز ئارزۇسىغا يىتەلەيدۇ. بۇنداق ئايال كىشى ئەمىلىيەتتە سىزنى ناھايىتى چوڭ بىلىدىغان، سىزگە ئىتىبار بىلەن قارايدىغان بولۇپ، بۇنى چۈشىنەلمەي يۈرۈشتىن ساقلىنىڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号