ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.
بىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ئۇچراتقان ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغاشنى ئويلايمىز؛ بۇ خىل ھالەت، نۇرغۇن كىشىلەردە مۇھەببەت جەريانىدا كۆرىلىدىغان بىر خىل پىسخىكا.
ئايال كىشى ئەگەر كۆڭلى چۈشكەن ئادەمنى ئۇچراتسا، مۇھەببەتكە بارغانسىرى پېتىپ قېلىپ، قارشى تەرەپكە بارغانسىرى چاپلىشىۋالىدىغان بولىدۇ، ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ھەرۋاقىت بىلىپ تۇرۇشنى ئويلايدۇ؛ بىراق ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى، ئەرلەرگە بېسىم ھىس قىلدۇرىدۇ.
مۇھەببەتتە، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئىتىبار بىلەن قارىشى، بىر-بىرىگە يۆلەك بولۇپ ئۆتىشى كىرەك؛ ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مۇھەببەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىرىلىشى لازىم بولىدۇ.
ئەگەر مۇھەببەت جەريانىدا، قارشى تەرەپ بوشىشىپ قېلىشقا باشلىسا، بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئۇسۇلىڭىزنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ قارش تەرەپنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا "ئىزدەپ ئالاقىلىشىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش"، بۇنىڭغا قارىتا ئىنتايىن ياخشى بىر ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ.

-2-
قانداق قىلغاندا قارشى تەرەپنى سىزنى ياخشى كۆرىدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ زىھنىنى ئۆزىڭىزگە تارتىشىڭىز كىرەك.
نىمە ئۈچۈن، ئىككى ئادەم مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىت ئەڭ شىرىن بولىدۇ؟ چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى تۇلۇق چۈشىنىپ بولالمىغان بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلۈكسىز تۈردە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان بولۇپ، دىققىتى تەبىئىيلا قارشى تەرەپ تەرپىدىن جەلپ قىلىنىدۇ.
ئايال كىشى، مۇھەببەت جەريانىدا ئۇنداق تەشەببۇسكار بولۇپ كەتمەي، قارشى تەرەپتە ئازراق ئۈمىد-ئىستەك قالدۇرۇشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، قارشى تەرەپتە سۇغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن گۇمان ۋە ھەيرانلىق تۇغۇلۇپ، مۇھەببەت جەريانىدا تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولۇشنى ئويلايدۇ ھەمدە سىزنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئادەمنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق. ئىرىشەلمىگەن ۋاقىتتا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ئىرىشكەن ۋاقىتتا بولسا بەزىدە قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتتا، ئايال كىشى پاراسىتىنى كۆپرەك ئىشقا سېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىتىبارىنى كۆپرەك قوزغىشى كىرەك.

بىرگە ئۆتكەن ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر بىر بۆلەك مۇھەببەتتىن زىرىكىش ھىس قىلىشى مۇمكىن؛ ئۇلار بىر-بىرىگە ئىنتايىن بەك تۇنۇش بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان قىزغىنلىقلارنى يوقىتىپ، ئوتتۇرلۇقىدىكى مۇھەببەت تەبىئىيلا سۇسلىشىپ ئاددىيلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ.
بۇنداق ۋاقىتتا بىز قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟ بۇنداق ۋاقىتتا، بىز بىر ئاماللارنى قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى ئۆزىمىزگە ياندۇرۇپ كىلىشىمىز، ئوتتۇرلۇقتىكى تۇرمۇشتا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش كىرەك؛ بۇنىڭدا، ئايال كىشى قارشى تەرەپنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ ئالاقىلىشىشنى توختىتىشنى، ئىككى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئەركىن بوشلۇقى يارىتىپ بىرىشنى تاللىسا بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا، سىز قارشى تەرەپنى ۋاقتىنچە ئەركىن ھالەتكە قايتۇرغان ۋاقتىڭىزدا، قارشى تەرەپ ناھايىتى يىڭىلىق ھىس قىلىدۇ، ئەمما بىر مەزگىللىك يىڭىلىق ھىس قىلىشتىن كىيىىن، ئۇ يەنە بىر خىل ماسلىشالماي قالغاندەك ھىس قىلىشقا باشلايدۇ؛ چۈنكى سىز، ئاللىبۇرۇنلا ئۇنىڭ بىر خىل ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان.
بۇنداق ئەھۋالدا، سىز ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەتكە يىڭىلىق تۇيغۇسى بىرىپلا قالماي، يەنە ئۇنى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىنىدىغان قىلالايسىز.

مۇھەببەتتە، بىز بەزىدە ئۇسۇلىمىزنى كۆپرەك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا مۇھتاج؛ بۇنداق بولغاندا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەتكە قارىتا ئۈمىد-ئىستەككە تولۇپ، ئۆزى ئىرىشمەكچى بولغان بەخىتكە يىتىشنى ئويلايدىغان بولىدۇ.
مەيلى مۇھەببەتتە بولسۇن ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، بىز ھەرخىل مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىمىز؛ بۇنداق ۋاقىتتا، ئەقىل-پاراسەت ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز پەقەت مۇۋاپىق بولغان ئۇسۇلنى تاللىغان ۋاقتىمىزدىلا، ئاندىن مۇھەببەت جەريانىنى كۆڭلىمىزدىكىدەك ھالەتتە كونتىرول قىلىپ كىتەلەيمىز.
-3-
"ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈش"، ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس، بەلكى مۇھەببەتنى ياخشى ساقلاپ قېلىشتىكى يىڭى بىر ئۇسۇل. بىز ھەممىمىز مۇھەببەتتە ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىمىز، بۇنداق ئەھۋالدا سىز قانداق قىلىشنى تاللايسىز؟
بەزىدە، ئايال كىشى ئەركىشىنىڭ ئۆزىدىن يېراقلاپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تەشۋىشلىنىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بارغانسىرى باش ئىگىپ ۋە ئورنىنى تۆۋەنلىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئەركىشىگە ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولىدۇ. بىراق بۇ خىل ئۇسۇل، كۆپىنچە بەك ياخشى نەتىجە ئېلىپ كىلەلمەيدۇ.

بىر ئادەم مۇھەببەتتىن ئۆزىنى بارغانسىرى تارتقان ۋاقىتتا، تۆۋەنلىك بىلەن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ، بەلكىم مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى تەڭشەش لازىم بولىدۇ.
بەزىدە ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈش، ئىككى تەرەپكە تېخىمۇ كۆپ ئويلىنىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بىرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئىككەيلەننى مۇھەببەت جەريانىدا ئۇنچە بەك بېسىم ھىس قىلىپ كەتمەيدىغان قىلىدۇ. ئادەم پەقەت كۆڭلى ئازادە ۋە ئارامخۇدا بولغان ۋاقىتتىلا، ئىش ئۈنۈمى ئاندىن يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ، مۇھەببەتتىمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ.