ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
خوتۇن زادى قانچىلىك مۇھىم؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەمنىڭ ئۆمرىدە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ نەتىجىسى، نىكاھنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشىدۇر.
    ئادەمنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ چوڭ بەختى، ئائىلىنىڭ بەختىدۇر.
    كىشى ئۆمرىدىكى ئەڭ چوڭقۇر مىھرى-مۇھەببەت، ئەر-خوتۇنلۇق مىھرىدۇر.
    كىشى ئۆمىرىدىكى ئەڭ مۇھىم پىكىرلىشىش، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشتۇر.
    كىشى ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇھىم چۈشىنىش، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى چۈشىنىشتۇر.
    كىشى ئۆمرىدىكى ئەڭ قىممىتى بار بولغان كەرڭ قورساقلىق، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى كەڭ قورساقلىقتۇر.
    كىشى ئۆمرىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يول قويۇش، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى يول قويۇشتۇر.
    كىشى ئۆمرىدىكى ھەممىدىن بەك نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان كۆڭۈل بۆلۈك، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشتۇر.
    نىكاھ خۇددى بىر ئىستاكانغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ بىر قاچا بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى بىر قاچىغا سلىپ، ئۆز-ئارا سىڭىشىپ كىرىشكە تايىنىش ئارقىلىق، ئەسلىدە مەنىسىز ھەم جاپالىق بولغان تۇرمۇشتىن خۇشپۇراقلار تارقىتىدۇ.
   ئەمما، توي قىلىپ تۇرمۇشتىكى چەككۈ-چۈككە ئىشلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئازدۇر-كۆپتۇر سۈركىلىشلەر پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، بەزى ئەرلەر ئايالىنى باشقىلارنىڭ ئايالىدەك چىرايلىق ئەمەستەك ھىس قىلىپ قالىدۇ؛ يەنە بەزى ئەرلەر تېخى ئازراق پۇل تېپىپ نام قازانغاندىن كىيىن، ئايالىدىن ۋاز كىچىپ، ئۈچىنچى شەخىس ئىزدەشنى تاللايدۇ، نەزىرىنى تېخىمۇ ياش ئاياللارغا يۆتكەيدۇ؟
    بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئەجىبا ئۇلار چىرايلىق ھەم ياش بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئايالىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ئايالىڭىزمۇ ئىلگىرى چىرايلىق ھەم ياش ئىدى؛ ئەمما ئۇ تۇرمۇش ئۈچۈن، سىز ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىۋەتكەن.
ئەرلەر:
    ئايالىڭىزدىن ئەۋرىشىمدەك بەدەنلىرىڭىز قەيەرگە كەتتى دەپ سورىماڭ؛ ئۆزىڭىز ئاستاغىنا كەينىڭىزگە بۇرۇلۇپ بالىڭىزغا قاراڭ، چۈنكى ئۇ بالىڭىزنىڭ ئانىسىغا ئايلانغان.
    ئايالىڭىزدىن گۈزەل ھۆسنىڭىز قەيەرگە كەتتى دەپ سورىماڭ؛ چۈنكى ئۇ سىز سىرتلاردا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە جان تىكىپ ئىشلەۋاتقاندىمۇ، سىزنى كۆڭلىنى خاتىرجەم تۇتسىكەن دىمەكچى.
    ئۇنىڭ كوچا ئايلانماسلىقىدىن، چىرايلىق كىيىملەرنى سېتىۋىلىپ ئۆزىنى ياساندۇرماسلىقىدىن ئاغرىنماڭ؛ سىز ھەم ئۇنىڭ ھەمىشە رەتسىز يۈرۈپ، باشقا ئاياللاردەك چىرايلىق يۈرمەيدىغانلىقىدىنمۇ ئاغرىنماڭ؛ چۈنكى ئۇ بارلىقىنى مۇشۇ ئائىلىگە، بالىغا ھەم سىزگە، يەنى ئىرىگە بەرگەن.
     ئايالىڭىز، ئائىلەڭلەر ئۈچۈن، سىز ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى ۋە سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرىنى چىن كۆڭلىدىن خالاپ شۇنداق قىلغان، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق جاۋاپ كۈتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ، دۇنيادىكى سىزنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، سىزنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدىغان، سىز ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشنى ئەڭ خالايدىغان ئادەمدۇر.
ئايال كىشى
    ئۇ سىز بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق بىر ئايال، ئەمما كىچىلىرى سىزنىڭ تېخىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىڭىزدىن ئەنسىرەپ، ئۇخلىماي ئۆرە ئولتۇرىدۇ.
    سىز نامرات ۋاقتىڭىزدا، سىزدىن بىزار بولۇپ، سىزنى ياراتمايدىغان ئەھۋال ئۇنىڭدا قەتئى كۆرۈلمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ يېنىڭىزدا جىمجىتقىنە سىزگە ھەمرا بولۇپ، سىز مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچە سىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، سىزنى قوللايدۇ.
    سىز ئاغرىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ھەر ۋاقىت سىزنىڭ يېنىڭىزدىن كەتمەي، تاكى سىز سەللىمازا ساقىيىپ بولغۇچە، كىچە-كۈندۈز دىمەي ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدۇ.
    خوتۇن، ئۇ بىر ئائىلە؛ سىزنىڭ ئەندىشىگە ۋە بىئاراملىققا تولغان كۆڭلىڭىزگە تەسەللى بىرەلەيدىغان قولتۇق.
    ھەر قانداق بىر خىل ئەر-ئاياللىق مۇھەببىتىنى، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ھەقىقى مىھىر-مۇھەببەتكە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
    ئايالىڭىزنى ياخشى قەدىرلەڭ؛ ئۇنىڭغا كۆپرەك ۋاقىت ۋە بوشلۇق بىرىڭ؛ ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ۋە سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەڭ. مۇھەببەتكە ئىرىشكەن ئىكەنسىز ئۇنى قەدىرلىشىڭىز كىرەك، بولمىغاندا، ئۇنى يوقىتىپ قويغاندىن كىيىن پۇشايمانغا قالىسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号