ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە، مەن بىرقەدەر ياخشى كۆرىدىغان خۇپى لازىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى.
كىتەرلىك ماتىريال
   كۆكمۇچ، ئىستىمال مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، شىكەر، ئاچچىقسۇ، سامساق
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كۆكمۇچنى پاكىزە يۇغاندىن كىيىن، بېغىچى بىلەن ئىچىدىكى ئۇرۇغلىرىنى ئېلىۋىتىمىز. ئەگەر كۆكمۇچ چوڭراق بولۇپ قالسا ئوتتۇردىن ئىككى قىلىپ يېرىۋەتسەك بولىدۇ؛ كىچىكرەك بولسا، ئۈستىدىن بىر نەچچە يەرنى پىچاقتا تىلىۋەتسەك بولىدۇ. بۇنىڭدا لازىغا  تەم كىرىشى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. كەينىدىن سامساقنى چاناپ، بىر چىنىغا شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، شىكەر، تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيام تەييارلايمىز.
   2. قازاننى ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، كۆكمۇچنى سېلىپ مالتىلاپ قورۇيمىز ھەمدە كۆكمۇچ ئازراق يۇمىشغاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئېلىپ، بىر چەتكە ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز.
   3. قازاننى قايتىدىن ئېسىپ، قازاننى قىزىتقاندىن كىيىن ماي قۇيۇپ، بۇنىڭغا ئۇلاپ، ماينىڭ قىزىشىنى ساقلىمايلا چانالغان سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ ئالدىدا تەييار قىلغان قىيامنى قازانغا قۇيۇپ قايناتقاندىن كىيىن، ئالدىنقى باسقۇچتا ئۇسۇپ ئېلىپ قويغان كۆكمۇچنى قايتا قازانغا سېلىپ قورۇيمىز؛ تەكشى قورۇپ كۆكمۇچقا قىيامنىڭ تەمىنى كىرگۈزگەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号