ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك قورىمىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » رەسىملىك قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
ئاچچىق چۈچۈك ياڭيۇ قەلەمچىسى تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-25كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاچچىق چۈچۈك ياڭيۇ قەلەمچىسى، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاسان، تەمى تېتىشلىق بولۇپ، قورساققا ئامراق كىشىلەر ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالمايدىغان بىر خىل قورىمىدۇر؛ مەيلى سىرتلاردا تاماقلانغان ۋاقىتتا بولسۇن ياكى ئۆيدە تاماق ئىتىپ يىگەندە بولسۇن، تەملىك قورۇلغان بىر تەخسە ياڭيۇ قەلەمچىسى كەم قالمايدۇ. ئاچچىق چۈچۈك ياڭيۇ قەلەمچىسىنى گەرچە ھەممەيلەن قۇرۇش ئۇسۇلىنى بىلسىمۇ، ئەمما قورۇش جەريانىدا يەنىلا بەزىبىر تاكتىكا ئۇسۇللارنى بىلىۋىلىش لازىم بولىدۇ، بۇنىڭدا قورۇغان ياڭيۇ قەلەمچىسى تېخىمۇ تەملىك چىقىدۇ.
    كىتەرلىك ماتېرىيال: ياڭيۇ، قاقمۇچ، سامساق، غولپىياز، زەنجىۋىل، تۇز، كاۋاۋىچىن مېيى، كۈنجۈت مېيى، مۇچ مېيى، جىياڭيۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ياڭيۇنى ئاۋۋال نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋىلىپ، كەينىدىن قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ توغراپ بولغاندىن كېيىن سۇغۇق سۇدا بىر چايقىۋالىمىز؛ كەينىدىن سۇغۇق سۇ قاچىلانغا قاچىغا سېلىپ، سۇغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاق ئاچچىقسۇ قوشۇپ، 10 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويىمىز.
   2. قازاندا سۇ قاينىتىپ، ياڭيۇ قەلەمچىسىنى سېلىپ 20-15 سىكونت قاينىتىپ سۈزۈپ ئالغاندىن كېيىن قايتىدىن سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزۈپ، سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋىتىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز. قاقمۇچ ۋە غولپىيازنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز؛ زەنجىۋىل ۋە سامساقنى توغراپ تەييارلايمىز.
   3. قازان ئېسىپ، تەرتىپ بويىچە كاۋاۋىچىن مېيى، مۇچ مېيى، كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، تەييار قىلغان قاقمۇچ، زەنجىۋىل، غولپىياز، سامساق قاتارلىقلارنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز.
   4. ياڭيۇ قەلەمچىسىنى سېلىپ 2-1 مىنۇت قورىغاندىن كېيىن، ئازراق ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ياڭيۇ يۇمشىغۇچە قورۇيمىز. ئاخىرىدا بىر قوشۇق جىياڭيۇ ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号