ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
قۇرغاق قورۇلغان يېسى پۇرچاق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-07-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كىتەرلىك ماتېرىيال: يېسى پۇرچاق، گۆش، غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، قاقمۇچ، كاۋاۋىچىن، كۈنجۈت
   خۇرۇچ ماتېرىياللىرى: تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، شېكەر، قىزىلمۇچ قىيامى
   تەييارلاش ئۇسۇلى: ماترىياللارنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، يېسى پۇرچاقنى ئۇزۇنچاق بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى كىچىكرەك پارچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ قاقمۇچنى قىسقا بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز. گۆشنى ئۇششاق توغرايمىز.(ئۆز تەم خاھىشىمىزغا ئاساسەن، گۆش سالساقمۇ ياكى سالمىساقمۇ بولىدۇ)
   قورۇش ئۇسۇلى: ئاۋۋال بىرىنچى قەدەمدە، يېسى پۇرچاقنى سۇدا بىر قاينىتىپ ئېلىۋالىمىز. كەينىدىن قازانغا كۆپرەك قۇيۇپ قىزىتىپ، يېسى پۇرچاقنى سېلىپ ياغدا داغلايمىز ھەمدە سارغايغاندا سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   كەينىدىن قازانغا قايتىدىن ئازراق ياغ قۇيۇپ، ئاۋۋال گۆشنى سېلىپ، نەچچە مالتىلاپ قورىغاندىن كېيىن، سامساق، زەنجىۋىل، غولپىياز قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇيمىز؛ گۆش سارغايغاندىن كېيىن، قاقمۇچ ۋە كاۋاۋىچىنلارنى سېلىپ داۋاملىق قورۇيمىز؛ كەينىدىن يېسى پۇرچاقنى سېلىپ قورۇپ، ئۈستىگە تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەپ ھەم مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت سېپىۋىتىپ، ئىككى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号