ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
كۈنجۈتلۈك موگو
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان كۈنجۈتلۈك موگو تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتېرىيال
   ياپىلاق موگو(平菇)، تۇخۇم، ئازراق مىقداردا ئۇن، ياغ
خۇرۇچ ماتېرىيالى
   تۇز، كاۋاۋىچىن ئۇنى، توخۇ تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
    ياپىلاق موگونى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، قولىمىزدا تىتىپ، كىچىكرەك ھالەتكە ئەكىلىمىز؛ قاچىدىن بىرنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ تۇخۇم سۇيۇقلۇقىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ، كاۋاۋىچىن ئۇنى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى قوچۇپ ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئاخىرىدا تەييارلىغان موگونى، تەييارلىغان تۇخۇم سۇيۇقلىقىغا چىلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۈستىگە كۈنجۈت سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ، موگونىڭ سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت تۇخۇم شىرنىسى ۋە كۈنجۈت يېپىشتۇرىمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى
   قازانغا كۆپرەك ماي قۇيۇپ، 7-6ئۈلۈش قىزىغاندىن كېيىن، تۇخۇم شىرنىسىگە چىلاپ تەييارلىغان موگۇنى قازانغا سېلىپ داغلاپ پىشۇرىمىز؛ داغلاپ پىشۇرۇش جەريانىدا، چوكا ئارقىلىق موگونى بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىمىز. ئاخىرىدا موگۇ داغلىنىپ پىشىپ، ئالتۇنرەڭ ھالەتكە يەتكەن ۋاقىتتا سۈزۈپ ئېلىپ، سۇۋۇتۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号