ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
كۈدە تۇخۇم قورىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-05-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   خام ماتىريالى: تۇخۇم، كۈدە، قىزىلمۇچ، غولپىياز، زەنجىۋىل
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى
   تەييارلاش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ قوچۇپ تەييارلىۋالىمىز(ئازراق تۇز قوشۇپ قوچىساقمۇ بولىدۇ).
   كۈدىنى پاكىز يۇيۇپ بارماق ئۇزۇنلىقىدا توغرايمىز. قىزىلمۇچنى ئىنچىكە قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ غولپىياز، زەنجىۋىللەرنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز.
   قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا يېرىم چۈمۈچ ماي قۇيۇپ، قىزىغاندا تۇخۇمنى سېلىپ ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ داغلاپ پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئالىمىز.
   قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، غولپىياز، زەنجىۋىللەرنى سېلىپ قورىۋەتكەندىن كېيىن كۈدىنى سالىمىز؛  بىر نەچچە قېتىم ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن تەييارلىۋالغان تۇخۇمنى سېلىپ،  تۇز تەمىنى تەڭشەپ  تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号