ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەردىكى ئەڭ چوڭقۇر يۇشۇرۇنغان يەتتە مەخپىيەتلىك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر ئەركىشىنى ئۈزۈل-كىسىل بويسۇندۇرىمەن دىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭىز كىرەك؛ بۇنىڭدا سىز ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتالايسىز.
    ئادەتتە، مۇناسىۋەت ھەرقانچە يېقىن بولسىمۇ، ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا چوقۇم بەزىبىر مەخپىيەتلىكلەر بار بولىدۇ. ئەلەردە، ئەڭ چوڭقۇر يۇشۇرۇنغان يەتتە مەخپىيەتلىك بار بولۇپ، سىز بۇلاردىن نەچچىنى بىلىسىز؟
   1. جىدەللىشىپ قالغان ۋاقىتتىكى مۇرەسسەگە چۈشىشى، ئۇلارنىڭ راستىنلا خاتالىقىنى تۇنۇپ ئۆزگەرتىشىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ
    ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى جىدەل قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ؛ ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن جىدەللەشمەكچى بولسا، ئۇلار ئىشنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، كۆپىنچە مۇرەسسە قىلىشنى تاللاپ، ئالدى بىلەن يالغاندىن بولسىمۇ باش ئىگىپ خاتالىقىنى تۇنۇيدۇ.
    2. ئاياللارنىڭ گۇمانخورلىقىدىن بىزار
    بۇنداق ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى، ئەرلەرنى ھەركۈنى خۇددى قوقاس ئۈستىدە تۇرۋاتقاندەك بىئارام قىلىپ، چوڭراقمۇ تىنالماس قىلىپ قويىدۇ.
    بىرەر ئىككى قېتىم بولسا، ئۇلار بەلكىم چىداپ ئۆتۈپ كىتىشنى تاللىشى مۇمكىن؛ بىراق ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، ئۇلار ئۆزىنى خۇددى نىرۋا كىسىلى بار ئادەم بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ، ھامان بىركۈنى پارتلاپ چىقىدۇ.
   3. ئاياللار ھەمىشە ئەركىشىنىڭ مەڭگۈلۈك قەسەملىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەمما ئۇلار، ئەرلەر ئېيتقان مەڭگۈلۈكنىڭ، ئەمىلىيەتتە ئۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
   بەلكىم بىر نەچچە ئاي، ياكى بىر نەچچە يىل بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك دىگىنى، يېقىنقى بىر مەزگىل ۋاقىتنىلا كۆرسىتىدۇ، ھەرگىز بىر ئۆمۈرلۈككە ۋەكىللك قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەرلەرنىڭ شىرىن-شىكەر سۆزلىرىگە قارىتا، ئاياللار بەك ئىشىنىپ كەتمەي، كۆز ئالدىدىكى ئەھۋالنى ئاساس قىلىشى كىرەك.
   4. كوتۇلداشنى ئاڭلاشقا ئۆچ
   
ئۇ كۆڭلىدە سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مۇھەببەت سەۋەبىدىن كوتۇلدايغىنىڭىزنى بىلسىمۇ، ئەمما بۇ خىل بىزارلىق يېغىلىپ توپلىنىپ، مۇھەببەتنى ئاز-ئازدىن خورىتىپ تۈگىتىدۇ ۋە قېچىپ كەتكۈسىنى كەلتۈرپ قويىدۇ.
   5. يۈزىنى ئاۋايلايدۇ
   يۈز-ئابروي ۋە غۇرور، ھەربىر ئەركىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم بىر نەرسە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ دىققەت قىلمىغاندا، شەپىسىز ھالدا ئوتتۇرلۇقتىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ سىزگە بارغانسىرى سۇغۇق مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   6. بىر ئەركىشىنى بويسۇندۇرۇماقچى بولسىڭىز، يۇمشاقلىق بىلەن قاتتىقلىقنى يىڭىشنى بىلمىسىڭىز بولمايدۇ؛ ئۇنىڭغا كۆپرەك چوقۇنۇپ ماختاپ بەرسىڭىز، تۈكىنى يېتىشىغا سىيلىسىڭىز، ناگاندا بىر ئېغىزىغا كەمپۈت سېلىپ قويسىڭىز، ئۇ يۇۋاشلىقچە سىزنىڭ سىزغان سىزىقىڭىزدىن چىقمايدۇ.
   7. قارىماققا يۇۋاشتەك كۆرۈنگەن ئەركىشىنىڭ، ئەمىلىيەتت راستىنلا يۇۋاش بولۇپ كىتىشى ناتايىن.
   سىز كىچىك قىزلارغا ئوىشاش ئۇنىڭ مۇلايىملىق بىرەلىسىڭىز، ئۇنىڭ ئانىسىغا ئوخشاش ئىللىقلىق بىرەلىسىڭىز، ئۇ سىزگە بارغانسىرى ئىچىكىپ، سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ كىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号