ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇخۇم ئىستىمالىدىكى يۇشۇرۇن خەۋپ ئامىللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇخۇمنىڭ راستىنلا ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى يوقمۇ؟ ئەمىلىيەتتە، تۇخۇمنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بار؛ ئەگەر كۈندە تۇخۇم ئىستىمال قىلمىساق ياكى ئىستىمال مىقدارىنى كونتىرول قىلمىساق، تۆۋەندىكىدەك خەۋپ ئامىللىرى شەكىللىنىدۇ.
    بىرىنچىدىن، تۇخۇم تەركىبىدە زور مىقدارى خولىستىرىن بار بولۇپ، ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل تۇخۇم ئىستىمال قىلساق ھەمدە بىر كۈندە ئىستىمال مىقدارى كۆپرەك بولۇپ قالسا، بەدەندىكى خولىستىرىن مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئارتىرىيە قېتىشىش ۋە يۈرەك مىڭە قان تومۇر كىسەللىكلىرىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئىككىنچىدىن، تۇخۇمنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئادەمنى سەمىرتىپ قويىدۇ. چۈنكى، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەگەر بەك كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتكەندە، ئۇزۇقلۇقنىڭ زىيادە ئېشىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىپ، سەمىرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئۈچىنچىدىن، تۇخۇمغا تايىنىپلا ھەممە ئۇزۇقلۇقنى تولۇقلاپ كەتكىلى بولمايدۇ. تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان بىلەن، تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق تۈر خىلى نىسبەتەن ئاز؛ شۇڭا ئەگەر تۇخۇمغا تايىنىپلا ئۇزۇقلۇق تولۇقلايمەن دەپ باشقا يىمەكلىكلەردىن ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشقا سەل قارىغاندا، بەدەندە ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولماي قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    تۆتىنچىدىن، جىگەر ۋە بۆرەككە ياخشى ئەمەس. جىگەر ۋە بۆرەكتە مەسىلىسى بار كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، تۇخۇم ئىستىمال قىلىش، بۆرەك بىلەن جىگەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى، تۇخۇم تەركىبىدىكى مىتابولىزىملاشقا تىگىشلىك ماددىلار ئىنتايىن كۆپ، پارچىلاشقا تىگىشلىك بولغان ئۇزۇقلۇق تەركىبىمۇ بىر قەدەر كۆپ؛ شۇڭا، جىگەر بىلەن بۆرەك ئاساسلىق مىتابولىزىملاش سېستىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەبىئىلا بىر قەدەر چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇخۇمنى ئىستىمال قىلىش كىرەك، ئەمما كۈندە ئىستىمال قىلىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق، بىراقلا كۆپ ئىستىمال قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر تۇخۇمنى كۆپ يەۋالساق، تەن ساغلاملىقىمىزغا قارىتا ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، ئەكىسچە بەلگىلىك زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号