ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىنى بوۋىسى بىلەن مومىسىغا تاشلاپ قويۇش ياخشى ئەھۋالمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، ھازىر ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسى خىزمەت قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بالىغا قارايدىغان ئادەم مەسىلىسى، ياش ئەر-خوتۇنلارنىڭ كاللىسىنى قاتۇرىدىغان بىر ئىش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر پۇل تىجەپ بالا باققۇچى تەكلىپ قىلمايمەن دىسە، شۇنداقلا خاتىرجەمراق بولاي دىسە، بالىنى چوڭلارنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇش، بىر قەدەر ياخشى بولغان چىقىش يولى ھىسابلىنىدۇ.
    سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدىكى "بوۋىسى ياكى مومىسى بېقىپ چوڭ قىلغان" بالىلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان. بالىلارنى چوڭلارنىڭ قارىشىغا تاپشۇرۇش، گەرچە ھەم خاتىرجەم بولغىلى بولىدىغان، ھەم پۇل تىجەشكە بولىدىغان ئامال بولسىمۇ، ئەمما بالىنى چوڭلارنىڭ بېقىپ تەربىيلىشىگە تاپشۇرۇشتا، يەنىلا نۇرغۇنلىغان يۇشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت. چۈنكى، چوڭلارنىڭ بالا تەربىيەلەش قارىشى نىسبەتەن كەينىدە قالغان بولغاچقا، ئەگەر تەربىيەلەش جەھەتتە ئازراقلا مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بالىغا نىسبەتەن بىر ئۆمۈرلۈك تەسىر ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
     ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىسىنى چوڭلارنىڭ قارىشىپ بىرىشىگە تاپشۇرغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىسا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم ۋاقتىدا ئارىلىشىپ، تېخىمۇ چوڭ زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
بالىغا زىيادە ئامراقلىق قىلىپ، شەرتسىز يان بېسىش
    كۆپ قىسىم ياشانغانلار، نەۋرىسىگە ناھايىتى بەك ئامراق كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى ئالقىنىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، خام يەۋەتكۈدەك قىلىپ كىتىدۇ. بىراق، بۇ خىل ئىدىيە، ئاسانلا بالىغا زىيادە ئامراقلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارغا شەرتسىز يان باسىدىغان ناچار ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
    ئەگەر بالىلار ئۇزۇن مەزگىل بوۋىسى ۋە مومىسىنىڭ بۇ خىل چېكى يوق ئامراقلىق قىلىشى ئاستىدا چوڭ بولسا، ئۇنداقتا چوڭ بولغاندا ئۆزى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان، يەنى كىيىملىرىنى ئوڭشاپ كىيەلمەيدىغان، تاماقنى ئۆزى يىمەيدىغان ياكى ھاجەتكە ئۆزى ئولتۇرالمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، ئۇلار يەنە ئۆز بېشىمچە، شەخسىيەتچى، ئۆزىنىلا مەركەز قىلىۋالىدىغان خارەكتىر يىتىلدۈرۈپ قويىشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز.
چوڭلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئىدىيىسى ئارقىدا قالغان
    ياشلارغا قارىغاندا، چوڭلارنىڭ يىڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۆپ تۆۋەن بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئۇلار ھەمىشە ئىلگىرىكى ئارقىدا قالغان بالا تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى ئاساس قىلىۋالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ كۆپىنچە ئىلمى ئاساسى بولمايدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە بولسا، بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى، قول تىقىپ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىلىدىغان بولۇپ، چوڭلار بۇ نوقتىلارغا كۆپىنچە بەك ئىتىبار بىلەن قاراپ كەتمەيدۇ.
   ئەگەر چوڭلار يەنىلا ئەنئەنىۋى تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بالىلارغا تەربىيە ئىشلىگەندە، ئۇلارنىڭ يىڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش سۈرئىتىگە تەسىر يىتىپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى، ئىجادچانلىقى ۋە تۇرمۇش ماھارەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملىشىۋەرسە، بالىلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ قاتمال بولۇپ قالىدۇ.
چوڭلار بالىلارنىڭ ئالدىدا قالايمىقان گەپلەرنى قىلىش
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ياشقا چوڭۇپ قالغان كىشىلەر پاراڭلىشىشقا ئامراق كىلىدۇ. ئەگەر چوڭلاردا باشقىلارنى ئازدۇر-كۆپتۇر غەيۋىتىنى قىلىدىغان ئادىتى بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بالىمۇ ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئۇلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغان ئادەتنى يۇقتۇرۋىلىشى مۇمكىن.
    بۇندىن باشقا، چوڭلار ئەگەر ئۆز بالىسىنى، يەنى نەۋرىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىبلەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم چوڭلارغا ھېچنىمە بىلىنمەسلىكى مۇمكىن؛ چۈنكى، ھەر نىمە دىگەن بىلەن، ئۇلارنىڭ بالىسىنى ئەيىبلەش ۋە تەنقىدلەش ھوقۇقى بار. بىراق، كىچىك بالىنىڭ بۇ داۋلىنى چۈشىنىشى ناتايىن. كىچىك بالىغا نىسبەتەن، ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ھىسابلىنىدۇ؛ ئەگەر چوڭلار بالىنىڭ ئالدىدا ھەدىسىلا ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ يامان گېپىنى قىلسا، ئۇنداقتا بالىغا چوقۇم يامان تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملىشىۋەرسە، بەزىدە ھەتتا ئائىلە زىددىيىتى پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号