ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چىرايىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بىر ياشلىق بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېتىلىش سۈرئىتىدە ئاستىلاش كۆرۈلۈپ، يېتىلىشى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۇنداق تېز بولمايدۇ. لېكىن ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە، ئېغىرلىقى پەقەت 2.3-1.4 كىلوگىراملا ئاشىدۇ. ئەمما بۇ مەزگىلدە، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ۋە بوي ئېگىزلىكىنى ئۆلچەشتە چىڭ تۇرۇش ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەپ مېڭىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىش گىرافىكىغا ئىرىشەلەيمىز.
   15ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتە 10.5كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 77سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. لېكىن ئوخشاش ياشتىكى ئوغۇل بالىلارغا نىسبەتەن، ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى ئازراق ئېغىر كىلىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 11 كىلوگىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ؛ بوي ئېگىزلىكىمۇ ئېگىزرەك بولۇپ، 79-78سانتىمېتىر كېلىدۇ. بوۋاق ئىككى ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، قىز بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 86سانتېمىتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى 12.2 كىلوگىرامغا يېتىدۇ. ئوغۇل بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى بولسا 87.5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، بەدەن ئېغىرلىقى 12.6 كىلوگىرامغا يىتىدۇ.
   ئەلۋەتتە، ئىككىنچى يىلدىكى ۋاقىتتا، بوۋاقنىڭ بېشىنىڭ ئايلانمىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ. بۇ بىر يىلدىكى باش ئايلانمىسى، پەقەت 2.5 سانتىمېتىر ئەتراپىدىلا ئاشىدۇ؛ لېكىن ئىككى ياشتىن ئاشمىغان ۋاقىتتا، بوۋاقنىڭ باش ئايلانمىسى، قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ باش ئايلانمىسىنىڭ %90 گە يېتىدۇئ
   ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئىككى يىلدا، بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكى ۋە باش ئايلانمىسىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپلا قالماي، بالىلارنىڭ چىرايىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. 12 ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، گەرچە بوۋاقلار يول مېڭىشنى ۋە ئاددىي سۆزلەرنى قىلىشنى ئۆگەنسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سىرتقى تۇرقى يەنىلا بوۋاق ھالىتىدە بولىدۇ؛ باش ۋە قورساق قىسىمى يەنىلا چوڭ كۆرۈنۈپ، ئۆرە تۇرغان ۋاقتىدا قورسىقى سىرتقا بۆرتۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، كاسا قىسىم كىچىك، مۇسكۇللىرى يوقتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما چىرايى يەنىلا بودەك كېلىدۇ.
   بوۋاقنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ يېتىلىشى ۋە مۇسكۇللارنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىىپ، بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى مايلار خورايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يۈزىدىكى دائىرە سىزىقلىرى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك گەۋدىلىنىپ، زاڭاق سىزىقچىلىرى تېخىمۇ ئېنىقلىشىدۇ. بوۋاق ئىككى ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭدا چىرايىغا قاراپ كىچىك ۋاقتىدىكى ھالىتىنى پەرەز قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号