ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇخۇم سېتىۋالغاندا ئېقىنى تاللاش كېرەكمۇ ياكى قىزىلىنىمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تۇخۇم، ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇق يېمەكلىكى بولۇپ، باھاسى تۆۋەن ئۇزۇقلۇقى يۇقىرى. تۇخۇمدا ناشتىلىق تەييارلاشقا بولۇپلا قالماي، قورۇما قورۇشتىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
   ئادەتتە بازاردىن تۇخۇم سېتىۋالماقچى بولساق، مەيلى كۆكتات بازىرىدىكى تۇخۇم بولسۇن ياكى تاللا بازىرىدىكى تۇخۇم بولسۇن، تۇخۇملارنىڭ رەڭگى پەرقلىنىدىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر توخۇمنىڭ سىرتقى شەكلىگە قاراپ تۇخۇم تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تاللاش ئۇسۇلى خاتا.
   بازاردىكى تۇخۇملارنىڭ رەڭگىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئاساسلىقى ئىككى سەۋەبتىن بولۇپ، بىرسى توخۇنىڭ سورتى ئوخشىمايدۇ، ئىككىنچىسى مېكياننىڭ قېنىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدىكى توخۇلارنىڭ سورتى ئاز دېگەندىمۇ 100 خىلدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم مېكيانلار ئاق تۇخۇم تۇغىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ئاق رەڭلىك تۇخۇم نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. مېكياننىڭ قان سۇيۇقلۇقىدا بىر خىل مىتابولىزىم ھاسىلاتى بار بولۇپ، ئەگەر مېكيان بۇ خىل ماددىنى مىتابولىزىملىيالمىسا، ئۇنداقتا بۇ مېكيان تۇغقان تۇخۇم قىزىل رەڭلىك بولىدۇ.
   ئەمەلىيەتتە، ئاق شاكاللىق تۇخۇم بىلەن قىزىل شاكاللىق تۇخۇم كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇقلارنىڭ مىقدارىدا بەلگىلىك پەرق بار. ھەر 100گىرام تۇخۇم تەركىبىدە، قىزىل شاكاللىق تۇخۇمدا 14.4گىرام ئاقسىل بار، ئاق شاكاللىق تۇخۇمدا بولسا 15گىرامغا يىتىدۇ؛ ياغ تەركىبى بولسا، قىزىل شاكاللىق تۇخۇمنىڭ 11.8گىرام، ئاق شاكاللىق تۇخۇمنىڭ بولسا 9.9گىرام بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككى خىل تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىدە بەك كۆپ پەرق بولمىغاچقا، نەزەرىيە جەھەتتىن، قايسى خىلنى تاللاپ سېتىۋالساق ئوخشاش بولىدۇ.
   لېكىن مەن ئۆزۈم تاللاشقا توغرا كەلسە، مەن ئاق تۇخۇمنى تاللايمەن. چۈنكى، ھازىر يۇقىرى ئاقسىللىق تۆۋەن ياغ تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号