ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئىگىلىك تىكلەشتە ئاسان مەغلۇپ بولىدىغان ئون خىل كىشىلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىگىلىك تىكلىمەك ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس؛ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ نەتىجىسى بەلكىم ئىنتايىن گۈزەل بولۇشى مۇمكىن، ئەمما جەريانى چوقۇم نۇرغۇنلىغان خەتەر ۋە ئۆزگىرىشچانلىقلارغا تولغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىگىلىك تىكلەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشى ۋە ئانالىز قىلىشى، زۈرۈر بولغان ساۋاتلارنى پۇختا ئىگەللىشى لازىم؛ ئەگەر قارىغۇلارچە ئىش كۆرسەك، ئۇنداقتا مەغلۇپ بولۇشتىن ساقلانمىقىمىز تەسكە توختايدۇ. تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئون تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى؛ ئەگەر سىز بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئىگىلىك تىكلەشكە ئالدىرماي، بۇ مەسىلىلەرنى ياخشى ئويلاشقاندىن كىيىن، ئاندىن ئىگىلىك تىكلىسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز.

     باشقىلاردىن بىرەر تىجارەتنىڭ پۇل تاپىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۆزى تەپسىلى ھەم ئەتراپلىق بولغان بازار تەكشۈرۈش قىلماي تۇرۇپلا، ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلىنىش.
   چەتئەللەردە، ئىگىلىك تىكلەپ تىجارەت قىلماقچى بولسا، كەسپى بولغان بازار تەكشۈرۈش شىركەتلىرىگە ئالاقىدار بازار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىدۇ؛ ئەمما دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىڭى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بولسا، كاللىسى قىزىپ قالسا، ئەلمە-تەلمىنى سۈرۈشتە قىلماي تۇرۇپلا قارار چىقىرۋاتىدۇ؛ بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئەھۋالدۇر.
     ئارزۇ-ئىستىكى ئىنتايىن زور، ئەمما كۆپىنچە ئۆزىنىڭ مەبلەغ ۋە خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كىتىدۇ
    بەزىبىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، بولۇپمۇ خىزمەتتە ئاز-تولا نەتىجە قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، كۆپىنچە، بىر ئىشلارنى كىچىكىدىن قىلىشنى خالىماي، باشلىنىشتىلا "چوڭ تىجارەت" بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلايدۇ. مەبلەغ كۆپ سېلىنىپ، كۆلەمنى چوڭ قىلساق، تىجارەتنى ئاسانلا كېڭەيتكىلى بولىدۇ؛ بىراق بۇنىڭدىكى مەسىلە، ئەگەر تاسادىبى  قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالغاندا، بىۋاستە ۋەيران بولۇپ كىتىش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ.
    تۈر تاللاشتا، ئۆز ئەڭ تۇنۇشلۇق، ھەم ئۆزى ماھىر كەلگەن تۈرلەرنى تاللىماي، نىمە بەك پۇل تاپسا، شۇ تىجارەتنى تاللاش
   بۇ خىلدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر تىجارىتى بەلگىلىك قاتلامغا يىتىپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئىقتىدار، تەجىربە، بىلىم زاپىسى ۋە ئىجتىمائى مۇناسىۋەت قاتارلىق جەھەتلەردە خېلىلا خام ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ؛ بۇ ئەھۋالدا، رىقابەتلىشىش كۈچىنىڭ نامايەن بولۇپ چىقىشى تەسكە توختايدۇ.
    قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش ئېڭى كەمچىل
    ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، دۆلەت ئىچىدە، ئىلگىرى بەزىبىر تىجارەتچىلەر، قانۇننىڭ بوشلۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپقان. بىراق ھازىرقى كۈندىكى سودا مۇھىتىدا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر يەنە بۇ خىل "ئەپلەپ-سەپلەيدىغان"، تەلەي سىنايدىغان ئىشلارنى قىلسا، تىجارىتىدە چوقۇم مەسىلە كۆرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئاقىۋىتى، ئادەم چىداپ بولالمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر بولىدۇ.
 
    نەزەر دائىرىسى تار بولۇپ، ھەمىشە تىزلا پۇل تېپىپ كىتىشنى ئويلىشىدۇ؛ مەزگىلى قىسقا، تۇراقلىق ھەم كىرىم ئېشىشى تىز بولغان تۈرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ
   ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئېشىشى، نىسبەتەن مۇقىم بولغان مەزگىلدە تۇرۋاتىدۇ؛ بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە، ئاساسى جەھەتتىن بىر كىچىدىلا باي بولۇپ كىتىدىغان پۇرسەت قالمىدى. ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن دىسەك، پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بايلىق توپلاپ يېغىشقا تايانماي بولمايدۇ.
    مۇھىم نوقتىسى كەمچىل بولىدۇ
    كۆپ قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئەڭ دەسلەپ باشلانغان ۋاقتىدا، شارائىت ۋە مەبلەغنىڭ ھەممىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، بارلىق يىڭى خىياللارنىڭ ھەممىنى سىناپ بېقىشقا ئامال بولمايدۇ؛ شۇڭا، چوقۇم مۇھىم ئورۇنغا قويغان نوقتىسى بولۇش كىرەك. بۇنىڭدا توغرا بولغان ئۇسۇل بولسا :بىر ئىستىمالچىنىڭ ئىھتىياجىنى بىكىتىپ ۋە ھەل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق بىر خېرىدار توپىنى بەلگىلەپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئىقتىداردىن بىرنى يىڭىدىن يارىتىپ چىقىش كىرەك.
    قاتتىق دىتاللارغا ئەھمىيەت بىرىپ، يۇمشاق دىتاللارغا كەلگەندە پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيماسلىق
   نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئۈسكىنە، تېخىنىكا، زىننەتلەش قاتارلىق قاتتىق دىتاللارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ ئەمما مۇلازىمەت سۈپىتى، ئىشلەتكەن ئادەملەرنىڭ ساپاسى ۋە باشقۇرۇش سەۋيىسى جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە بەلكىم چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇزۇنغا بارغاندا بولسا، ئېلىپ كىلىدىغان يامان تەسىرى ئىنتايىن زور بولىدۇ.
    سۈرئەت قوغلىشىپ، ھەددىن زىيادە تەۋەككۈلچىلىك قىلىدۇ
    ئىگىلىك تىلەش دەسلەپكى مەزگىلىدە، بەزى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر باشقۇرۇش جەھەتتە ئىھتىياتچان بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار تىجارىتىنىڭ پۇل تاپالىشىغا ھەددىدىن ئارتۇق ئىشەنگەچكە، كۆپىنچىسى بىر قەدەر تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىجارىتىنى كېڭەيتىشكە ئۇرىنىدۇ. يىتەرلىك مىقداردا زاپاس مەبلەغ ئېلىپ قالمىغاندا، تىجارەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، مالىيە جەھەتتە مەبلەغنى ئوبروت قىلالمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
    ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى مۇستەقىل ھالدا ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، ھېچقانداق ئادەمگە يالۋۇرۇش كەتمەيدۇ دەپ ئويلايدۇ
    بۇ نوقتا، بەزىبىر ئىنتىرنىت تورى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرىدە بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، بوغالتىر، ئادۇۋكات، سودا مەسلىھەتچىسى قاتارلىقنىڭ كەسپى بىلىملىرى ۋە تەجىربىرىلىرىدىن پايدىلىنالمايدۇ؛ ئۆزىنى ئۇزۇن مەزگىللىك تۆۋەن تىجارەت قاتلىمىغا چۆكتۈرۈپ قويۇپ، دۆلەت ۋە ساھەنىڭ ئىتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھىرلىنەلمەيدۇ؛ بەزىدە ھەتتا بىلىپ-بىلمەي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىگە ئەجەللىك زەربە ئېلىپ كىلىدۇ.
    ئىجرا قىلىش كۈچى كەمچىل
    ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياخشى بىر ئوي-پىكىر ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداق؛ بىراق ئىگىلىك تىكلەش قوزغىتىلغاندىن كىيىن، ياخشى بولغان ئىجرا قىلىش كۈچى تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكى، ياخشى ئوي-پىكىرنى باشقىلار ئاسانلا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز كۆپىنچە بۇنداق بولۇشىنى توسۇپ قالالمايسىز؛ سىزنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنىڭىز، پەقەت توختىماستىن ئۆز قەدەملىرىڭىزنى تىزلىتىشتۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号