ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دائىم دانىخورەك چىقىدىغانلار بۇ يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   سىزدە يۈزىڭىزگە دانىخورەك كۆپ چىقىپ، بەزىدە ھەتتا نەچچە ئايلاپ يوقىمىغان ئەھۋاللار بولۇپ باققانمۇ؟ توردىن ھەر خىل ئۇسۇللارنى ئىزدەپ سىناپمۇ بۇنىڭغا ئامال قىلالمىدىڭىزمۇ؟
   ئەمەلىيەتتە، دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يەنىلا يېمەكلىك ئارقىلىق تەڭشەش قىلىش ئەڭ ياخشى.
   يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، دانىخورەكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك.
يۇقىرى ساخارىدلىق يېمەكلىكلەر
   تاتلىق يېمەكلىكلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. سىز كەيپىياتىڭىز ناچار ۋاقىتتا، تاتلىق يېمەكلىك يېسىڭىز كەيپىياتىڭىز دەرھال ئەسلىگە كېلىدۇ.
   بىراق، دانىخورەك چىقىپ قالغاندا، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يىيىش، دانىخورەكنى ياخشىلاشقا پايدىسىز.
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەر ئەمەلىيەتتە بىر خىل قاننىڭ قەنت تەركىبىنى يۇقىرىلىتىۋىتىدىغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولۇپ، قان پىلازمىسىنىڭ ئىنسۇلىن قۇيۇقلۇقىنى كۆتۈرۈۋىتىدۇ. بۇ دانىخورەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
يۇقىرى ماي تەركىبلىك يېمەكلىك
   ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئايان، مايسىز تاماق يىيىش ئەمەلىيەتتە ساغلاملىققا پايدىلىق. ئەگەر دانىخورەك چىقىپ قالغاندا مايلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىسىز بولىدۇ. چۈنكى، دانىخورەك چىقىش، بەك كۆپ ماي تەركىبلىرى ئاجرىلىپ چىقىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كالا سۈتى
   كالا سۈتىنى ھەممىمىز ياقتۇرۇپ ئىچىمىز، لېكىن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دانىخورەكنىڭ كۆرۈلۈشى، كالا سۈتى ئىستېمال قىلىش بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ. شۇڭا، دانىخورەك چىقىپ قالغاندا كالا سۈتىنى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك، ئەمما قېتىقنى مۇۋاپىق تۈردە ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号