ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت بوۋاق ساغلام تۇغۇلسىلا، ئۇلار تارتقان جاپاسىنىڭ ھەممىسىنى ئەرزىيدىغاندەك ھىس قىلىدۇ. بىراق، بەزى ئىشلارنى بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئەڭ ياخشىسى 72سائەت ئىچىدە ئورۇنلاپ تۈگىتىش كىرەك.
ئانا سۈتىنى ئىمىتىش
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق بوۋاققا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ بولۇپمۇ بوۋاقنىڭ ئەمگەن بىرىنچى ئېغىز ئانا سۈتى(ئۇغۇز سۈتى)، بوۋاقنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ ئىممونت سېستىمىسىنى قۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا، بىرىنچى ئېغىز ئانا سۈتىنى ئىمىش، بوۋاقنىڭ كەلگۈسىگە باغلىق چوڭ ئىش، بۇنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
بوۋاقنىڭ كىندىكىنى ئاسراش
   بوۋاقنىڭ كىندىك بەلبىغى، بوۋاققا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۇزۇقلۇقنى كىندىك بەلبىغى ئارقىلىق يەتكۈزۈش كەتمەيدۇ، شۇڭا دوختۇرلار كىندىك بەلبىغىنى كىسىۋىتىدۇ؛ بىراق، كىندىك تۈۋى قىسىمدىكى كىچىك بىر قىسمى قېلىپ قالىدىغان بولۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۆزى تەبىئىيلا چۈشۈپ كىتىدۇ. بۇۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ كىندىكىنى ياخشى ئاسراپ، ياللۇغلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كىرەك.
بوۋاقنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ئاجرالما ماددىلارنى تازىلاش
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بۇرۇن بوشلۇقى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئاجرالما ماددىلار تەرپىدىن توسۇلۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ بۇرنىنى كۆپرەك كۆزىتىپ، ۋاقتى-ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号