ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىشقا يۈزلەنگەندە كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئامىرىكىلىق پىسخىلوگىيە ئىلمى پىروففىسورى جون.گىتمان، ئائىلە مۇناسىۋىتى جەھەتتىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 40يىل بولغان بولۇپ، بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل ئالامەتلەرنىڭ كۆرىلىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان.
    بىر-بىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ھەمىشە ئادەتلىنىش خارەكتىرلىك قۇسۇر ئىزدەيدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ
   بەزى ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن باراۋەر ئاساستىكى مۇناسىۋەت بولماستىن، بەلكى باشلىق بىلەن خىزمەتچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ياكى خوجايىن بىلەن مالاي ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئازراق ئوخشاپ قالىدۇ. مەيلى ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك قانداقلا ئىش بولمىسۇن، بىر تەرەپ ئۆز جۈپتىگە ھەمىشە باشقىلارغا تەلەپ قويغان ئوسۇل بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ قاتتىق تەلەپ قويغانلىقىدىن، بەزىدە ئادەمگە ھىسيات چۈشەنمەيدىغان بىر جانلىقتەك تەسىر بىرىدۇ.
   بۇنداق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىرگە ئۆتكەن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، بىر تەرەپ ھەمىشە ئۆزىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ گىدىيىۋالىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپ بولسا، ئۆزىنى تىگىشلىك بولغان ھۆرمەتكە ئىرىشەلمىگەنلىكىنى ھىس قىلىپ، ئىككى تەرەپ تەدرىجى ھالدا ئايرىلىپ كىتىشكە قاراپ ماڭىدۇ.
مۇنازىرلەشكەن ۋاقىتتا تەنقىدلەش، كۆزگە ئىلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ
   كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بەزى ئەر-خوتۇنلار مەيلى تۇرمۇشتىكى چەككۈ-چۈككە ئىشلار بولسۇن ياكى سىرتتىكىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولسۇن ۋە ياكى بەزىبىر كىنو-فىلىم مەزمۇنلىرى توغرىلىق مەسىلىلەر بولسۇن، ئىككى تەرەپ پەقەت مۇنازىرگە چۈشۈپ قالسىلا، چىرايلىقچە پىكىر ئالماشتۇرماي، بىر تەرەپ ھامان يەنە بىر تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغاندەك، قارشى تەرەپ مەڭگۈ توغرا گەپ قىلمايدىغاندەك ھالەتتە سۆھبەتلىشىدۇ.
    بۇلارنىڭ ئىچىدە، ھەمىشە، تەنقىد قىلىش، كۆزگە ئىلماسلىق، سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قانداق ھىس-تۇيغۇدا بولۇشى بىلەن كارى بولمايدۇ؛ پەقەت ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى غەزىۋى ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ چىقىرۋىلىشنىلا ئويلاپ، مەسىلىنى ھەقىقى تۈردە بىتەرەپ قىلىشنى ئويلاشمايدۇ.
بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ، پاسسىپ كەيپىياتقا چۆكۈپ قالغان بولىدۇ
    بۇ خىل پاسسىپ كەيپىيات، مىقدار ئۆزگىرىشتىن سۈپەت ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بىر خىل يېغىلىپ توپلىنىش بولۇپ، بىر-بىرىنى قىيناپ ئازاپلاشنىڭ باشلىنىشىدۇر.
   ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ئەسلىدىنلا ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بىر ئىشقا قارىتا ئىككى تەرەپنىڭ قارىشىدا چوقۇم ئوخشاشماسلىقلار بولىدۇ؛ بىراق، گەپ تالىشىش ۋە كىلىشەلمەسلىك كۆرۈلگەندىن كىيىن، ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى ئارىدىكى بىر تەرەپنىڭ ياكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پاسسىپ كەيپىياتقا چۆكۈپ قېلىشىدۇر.
    بۇ خىل پاسسىپ كەيپىيات ئىچىگە چۆكۈپ قېلىش، بىر ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، توي تۇرمۇشىدىكى ئۆزمەننىڭ ئورنىنى تاپالماي، توي تۇرمۇشىغا قارىتا بارغانسىرى ئىشەنچىسى قالمايدۇ.
توغرا بولمىغان ئۇسۇلدا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇش
   نۇرغۇن كىشىلەر، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە يېرىق پەيدا بولسا، ئاكتىپلىق بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىۋالسىلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، توغرا بولمىغان ئۇسۇلدا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇش، ئەكسىچە ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى تىزلىتىۋىتىدۇ.
    مەسىلەن، ئىككى تەرەپ جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، بىر تەرەپ ھەمىشە يەنە بىر تەرەپكە بوي ئىگىپ خاتالىقىنى تۇنۇيدۇ ھەمدە بۇنى مۇھەببەتنى قۇتقۇزىۋىلىشنىڭ ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ؛ ياكى بولمىسا، ئايال كىشى ئىچىگە يۇتۇپ ئارتۇق گەپ قىلماسلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەر كىشىنىڭ ئاچچىقلىنىشىغا تاقابىل تۇرىدۇ. بۇنىڭدا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى بېسىۋالغاندىن كىيىن، قارىماققا مەسلە ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ، ئەمما جاراھەت ھەر ئىككىسىنىڭ قەلبىدە بار بولىدۇ.
    توغرا بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۇسۇلى بولسا، ئۆزىنى قاچۇرماي، مەسىلە پەيدا بولغان ۋاقىتتا، ئۆز-ئارا چىن كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشتۇر.
ئىلگىرىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇپ كىتىش
   جون.گىتمان پىروففىسورنىڭ يەنە بايقىشىچە، ئەر-خوتۇنلارنىڭ كاللىسىدا ئەگەر ئىلگىرىكى بىر-بىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئازاپلىق ئىشلار ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىنىپ قالسا، ياكى كۆز ئالدىدىكى ئادەمنى ئۇنچە بەك مۇھىم ئەمەس ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئىككەيلەن ئوخشاشلا ئاجرىشىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولىدىكەن.
    ياخشى ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى، قەلبىدە قارشى تەرەپتىن مىننەتدار بولىدىغان گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ساقلايدۇ؛ ھەر قېتىم بۇ ئەسلىمىلەرنى تىلغا ئالغاندا، بىر-بىرىگە ھەمرا بولۇپ ئۆتەلىشى، دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئىشتەك ھىس قىلىشىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号