ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
دادىنىڭ بۇ ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكى بالىغا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
   دەرۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاتا-ئانىلار ھازىر بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ھىسيات كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچىگە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ. چۈنكى ئەقلى ئىقتىدار تۇغۇلما بولۇپ، كۆپىنچە بالىلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ئەقلى ئىقتىدارى كۆپ پەرقلەنمەيدۇ؛ ئەمما ھىسيات كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ھىسيات كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچىنى ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا يىتىلدۈرۋىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، ھىسيات كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچى، ئەقلى ئىقتىدارغا قارىغاندا مۇھىم. چۈنكى ھازىر، جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالىغانلار ياكى ماشىنا ۋە ئۆيى يوق تۇرۇپمۇ چىرايلىق خوتۇن ئالالىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچ 130 بولغان تالانت ئىگىسى بولۇشى ناتايىن، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، ھىسياتنى كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كىشىلەردۇر.
    بالىلارنىڭ ھىسيات كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچى، كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؛ بولۇپمۇ ئوغۇل بالىلار، ئوغۇل بالا دادىسىدىن ئەڭ كۆپ ئۆرنەك ئالىدۇ. شۇڭا، ئەگەر دادىدا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك بولسا، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ ھىسيات كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولالمايدۇ، ئانىلار ئادەمنى خاتا ئەيىبلىمەسلىكى كىرەك.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئايالىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان دادا
    بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇناسىۋەت ئەندىزىسى، بالىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇچراشقان يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتى ئۈلگىسىدۇر. شۇنداق دىيشىكە بولىدۇكى، بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھسىي-مۇھەببەتكە بولغان تۇنۇشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىن كىلىدۇ؛ بولۇپمۇ ئوغۇل بالا، ئۇلار دادىسىنىڭ ئانىسىغا تۇتقان پۇزۇتسىيىسىنى، كۆپىنچە باشقا يات جىنىسلىقلارغا قوللىنىدۇ.
    ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئوغول كۆپ قىز ئاز؛ شۇڭا ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولمىغان ئوغۇللار ئاسانلا بويتاق قالىدۇ، ئەگەر ئوغۇل بالا دادىسىنىڭ "ئاياللارنى ھۆرمەتلىمەسلىك"گە ۋارسلىق قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كىيىنكى مۇھەببەت يولى ئەگرى-توقايلىقلارغا تولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەگەر بالىنىڭ دادىسىدا بۇ خىل ناچار ئادەت بار بولسا، ئۇنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كىرەك، بولمىسا بالا يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ.
ئىجتىمائى ئالاقە جەريانىدا، دادىنىڭ مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىشتىكى ھىسيات كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولۇش
    كونىلاردا، ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئەڭ ياخشى مۇئەللىمى دىگەن گەپ بار. ئەگەر بالا قىز بولسا، ئۇنداقتا ئانىنىڭ سۆز-ھەرىكەت ۋە قىلمىشلىرى بىرقەدەر مۇھىم، چۈنكى قىز بالا ئانىسىنى دورايدۇ؛ ئەگەر بالا ئوغۇل بولسا، ئۇنداقتا ھىسيات كونتىرول قىلىش كۈچى جەھەتتىكى يىتەكلەشتە، دادا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك. رىئال تۇرمۇشتا، مەن ھىسيات كونتىرول قىلىش كۈچى تۆۋەن بولغان نۇرغۇن دادىلارنىڭ، مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىش جەريانىدا، بالىسغا يامان تەسىر بەرگەنلىكىنى كۆرگەن.
    مەسىلەن، ئىجتىمائى ئالاقە جەريانىدا، بالىنىڭ ئالدىدا كىچىك ئىشلاردىمۇ بىلەن ئىنچىكە ھىساپ قىلىپ كىتىش، ئىچى تارلىق قىلىش ياكى ئاداۋەت ساقلاش دىگەنلەرگە ئوخشاش؛ بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىنى، بالىلار دورىشى ياكى ئۆگىنىشى مۇمكىن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بالىلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەت ۋە خارەكتىرنى يىتىلدۈرۋىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەگەر ئانىلار بالىسىنىڭ دادىسىنىڭ بۇنداق ناچار ئادەتلىرىنى يۇقتۇرۋالغانلىقىنى بايقىغان ھامان، بالىنىڭ دادىسىغا بالىنىڭ ئالدىدا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كىرەك.
دادىنىڭ مىجەزى يولسىز بولۇپ، بالىغا قارىتا قاتتىق قول بولۇش
    كۆپچىلىكنىڭ قارىشىچە، ئوغۇل بالا ئەسلىدە جاسارەتلىك، ئۈمىدۋار، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ئىدىيىسى كۈچلۈك بولۇشى كىرەك ئىدى. بىراق رىئال تۇرمۇشىمىزدا، جۈرئەتسىز ئوغۇل بالىلار ئاز ئەمەس؛ ئۇلار مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلغاندا ئالدى كەينىگە قاراپ ئەزمىلىك قىلىپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئالدىرتىپ سالىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ھىس كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئىنىق ئىپادىلەپ قويىدۇ. بالىنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئادەتتە قورقۇنچاق بىر ئوغۇلنىڭ كەينىدە كۆپىنچە مىجەزى كۈچلۈك دادا بار بولىدۇ؛ ئۇلار ھەر جەھەتلەردىن چەكلىمىگە ئۇچراپ، مىجەز-خارەكتىرى بېسىشقا ئۇچرىغانلىقتىن، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى قورقۇنچاق تۇخۇ يۈرەك بولۇپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号