ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئالتۇن چاچلىق قارا قاشلىق كىيىم مودىلى داڭ چىقاردى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ 12-مارتتىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، 22ياشلىق كىيىم مودىلى سوفىيا، "خەيرىلىك سەھەر، ئەنگىلىيە" تېمىسىدىكى تىلىۋىزىيە پىروگىراممىسىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ قارا ھەم قېلىن كەلگەن قاشلىرى بىلەن بىراقلا داڭ قازىنىپ  كەتكەن. بىراق، پىروگىرامما جەريانىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ قېشى سەۋەپلىك توردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم تەھتىدى سېلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان.
    ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، سوفىيە سىپرۇستا تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، لوندون ۋە ئامىرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.  مارىران داشۆسىنىڭ بازار باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا 292مىڭ مەستانىسى بار. سوفىيەنىڭ دىيىشىچە، ئۇ 2014يىلى قېشىنى بوياتقان ۋاقىتتا، ئىھتىياتسىزلىقتىن قارا رەڭدە بۇيىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇ كىيىنچە بۇ خىل قاش ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىۋەتكەندەك ھىس قىلغاچقا، قېشىنى ئەسلىدىكى ھالەتكە ئەكىلىشكە بەك ئالدىراپ كەتمىگەن؛ كەينىدىنلا، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بۇ چىراي ھالىتىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە بۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئەنىگىلىيەدىكى بىر كىيىم مودىللىرى ۋاستىچىلىك شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ كىيىم مودىللىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.
    سوفىيەنىڭ پىروگىرامما جەريانىدا ئىتراپ قىلىشىچە، ئۇ كوچىلاردا ماڭغان ۋاقتىدا ھەممە كىشىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك قاراشلىرىغا ئۇچرايدىكەن؛ بىراق ئۇنىڭ قارىتىلغان تىل-ئاھانەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى توردىن كىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تورغا چىقىپ ئۇ مۇلاھىزە باھالىرىنى كۆرۈشتىن ساقلىنىدىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ھەتتا باشقىلارنىڭ ئۆلۈم تەھدىتى سېلىشىغا ئۇچرىغان ئىكەن. بۇنىڭغا قارىتا 53ياشلىق پىروگىرامما رىياسەتچىسى، سوفىيەنىڭ بۇ قېشىنىڭ ناھايىتى جەلپكار ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ بۇ خىل قېشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆلۈم تەھدىتى سېلىشنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
     گەرچە سوفىيەنىڭ بۇ "ئالاھىدە" بولغان قاش شەكلى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تىل-ئاھانىتىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا تەسەللى بولغىنى، ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى زاك.ئاپسۇتۇل سوفىيەنىڭ بۇ قېشىنى ناھايىتى بەك ياخشى كۆرىدىكەن.
    سوفىيەنىڭ دىيىشىچە، ئۇ بۇ خىلدىكى "غەلىتە قاش" سىزىش ئارقىلىق، باشقا ئادەملەردىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدىغان ھالدا تۇغۇلۇپ قالغان ئاشۇ بىر قىسىم كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ھەمدە ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىمۇ بۇ خىل بەلگىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ خىل قاش سىزىش شەكلىنى قوبۇل قىلىشىنى ھەمدە ئادەتتىكىچە بىر ئىش بىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号