ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قويتۆگىلىرىمۇ يىڭى چاچ پاسونى ئالماشتۇرۇپتۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    جەمئىيەتتە تارىلىپ يۈرگەن "چاچ پاسونىنى ئالماشتۇرسىڭىز كەيپىياتىڭىز ياخشىلىنىپ قالىدۇ" دىگەن پاراڭنى ھەممىز ئاڭلىغان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يازنىڭ كىلىشىگە ئەگىشىپ، بىر توپ قويتۆگىلىرى غەلىتە چاچ پاسونلىرىنى قويۇۋالغان بولۇپ، ئارىدىكى بىر قويتۈگە شىرغا، يەنە بىرسى دىنوزاۋىرغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
    ئەنگىلىيەدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسى خېلىن.سىمىس، ئۆزىنىڭ قويتۆگىسى باققانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دىھقانچىلىق مەيدانىدىكى 30تال قويتۆگىسىگە يىڭى "چاچ پاسونى" ئالماشتۇرۇپ قويۇشنى قارار قىلغان.
    يۇڭى بەك ئۇزىراپ كەتسە قويتۈگىلىرىگە ئاۋاراچىلىق بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ ئۈچۈن، سىمىس ھەر يىلى ئۇلارنىڭ يۇڭىنى قىرقىپ قوياتتى. بىراق، ئۇ بۇ يىل، ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ قىرقىپ قويۇشنى قارار قىلدى.
    سىمىس ياخشى ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن، كەسپى قوي يۇڭى قىرقىش ئۇستىلىرى ئۇنىڭ خىياللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ ھەر بىر قويتۆگىلىرى، ئۆزگىچە بىر خىل ئۇسلۇپقا ئىگە قىلىندى.
    سىمىس، قويتۆگىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رەڭگىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان لايىھەلەرنى تۈزگەن ھەمدە ئۇنى رەسىملىك شەكىلدە ئىپادىلەپ چىققان.
    ئۇنىڭ ئويلاپ باقمىغىنى، بۇ قويتۆگىلىرىنىڭ "چاچ ياساش" جەريانىدا ئىنتايىن ھۇزۇرلۇق ھىس قىلىشى ئىدى.
    قويتۆگىسى يۇڭىنىڭ بازاردىكى سېتىلىش باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇڭىنى بۇ خىل مودا ئۇسۇلدا قىرقىش، بىر قىسىم قىممەتلىك قوي يۇڭىدىن زىيان تارتىپ قېلىشتىن دىرەك بىرەتتى؛ بىراق، سىمىس بۇنداق قىلىشنى ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان ئىدى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号