ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى ئەڭ رومانتىك دەرەخ—ئەر-خوتۇن دەرەخ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كۆكتوقاي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى شىمالى قىسمى كۆكتوقاي ناھىيىسى شەرقى شىمالىدىكى ئالتاي تېغى جىلغىسىغا جايلاشقان. كەنتتىن يېراق بولمىغان بىر تۆپىلىكتە بىر جۈپ دەرەخ ئۆسۈپ چىققان بولۇپ، كۈز كۈنلىرىدە بۇ بىر جۈپ دەرەخنىڭ بىرسى ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرىدۇ، يەنە بىرسى بولسا يەنىلا كۆپكۆك ھالىتى ساقلاپ، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغاندەك تۇيغۇ شەكىللەندۈرىدۇ.
    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ خىل دەرەخ ناھايىتى سىھىرلىك بولۇپ، ئۇنى كۆرگەنلەرگە ئامەت كىلىپ، ئەر خوتۇنلار ئىناقلىقى تېخىمۇ ئېشىپ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولىدىكەن؛ بويتاقلار بولسا ناھايىتى تىزلا ھاياتلىقتىكى يەنە بىر جۈپتىنى ئۇچرىتىدىكەن.
   ئۇزۇنغا سوزۇلغان بەخىت قانداق بولىدۇ؟ ئاددى كۈنلەر، تىنچلىققا تولغان روھى كەيپىيات؛ ئاددىلىققا تولغان تۇرمۇش ئىنچىكە ھالقىلىرىدىن ئىرىشكەن تەسىرات. ئاۋاتلىق چېكىگە يەتكەندىن كىيىن ھامان ئاددىيلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ؛ تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ رەڭگارەڭ ھەم كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كىلىشىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاددى-ساددىلىقىدا؛ مۇھەببەتنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ دەبدەبىلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئىللىق ھالدا ھەمرا بولۇش ھەم بىر-بىرىنى قوغداپ ۋە ساقلاپ ئۆتۈشتە.
    مۇھەببەت، ھەرقانچە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىسىمۇ پۇشايمان قىلمايدىغان بىر خىل ئىنتىلىش؛ مۇھەببەت، قول تۇتۇشۇپ كۈلۈمسىرگە ھالدا ئاخىرقى نوقتىغا قاراپ يولغا چىقىش؛ ئەڭ ياخشى مۇھەببەت بولسا، پۈتكۈل بىر ئۆمرىنى بېغىشلاشتۇر. مۇھەببەت خۇددى ئۆز-ئارا بېقىپ ئۆسكەن بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن دەرىخىگە ئوخشاش، سىزگە ھەمرا بولۇپ ھاياتلىق مۇساپىلىرىنى بېسىپ، تۇرمۇشتىكى شىرىن مىنۇتلارنى ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرمۇشتىكى ئاچچىق-سۇغۇق ۋە ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈشتۇر.
   بۇ ئىككى دەرەخنىڭ بىرسى ياشناپ، يەنە بىرسى قۇرۇپ كەتكەن. بەزىلەر جانلىقلار ئىلمى ئارقىلىق بۇنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان: بەلكىم ئۇلار ئۆسكەن تۇپراقنىڭ قۇۋۋىتى يىتەرلىك بولمىغاچقا، ئىككى تۈپ دەرەخ بىرلا ۋاقىتتا ھايات قېلىشقا ئامال بولماي، ئىچىدىكى بىرسى، يەنە بىرسىنىڭ ساغلام ئۆسۈشى ئۈچۈن، تۇپراقتىكى قۇۋۋەت ئۇزۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号