ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
قوساقتىكى بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىش خەۋپىنى ئاشۇرۋىتىدىغان ئامىللار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەتتە، ھامىلدارلىق دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دوختۇرلارمۇ ئادەتتە ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ ئۈچ ئايدا ياخشىراق كۈتۈنۈپ قالايمىقان ھەرىكەت قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىراق، ھامىلدار شۇنى چۈشىنىپ يىتىشى كىرەككى، بۇ ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، ھامىلدار ئاياللار مۇتلەق بىخەتەر بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس؛ ئەمىلىيەتتە، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىمۇ بىرقەدەر خەتەرلىك بولۇپ، ئازراقلا دىققەت قىلمىغاندا، بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ. بەزى ھامىلدار ئاياللار بۇ نوقتىدىن ئەجەبلىنىپ كىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھامىلدارلىق مەزگىلى تۆتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغاندىن كىيىن، ھامىيلە بالىياتقۇ ئىچىدە ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملىشىپ بولىدۇ، نىمە ئۈچۈن يەنە خەتەر ئامىلى مەۋجۇت بولىدۇ؟ بۇنداق بولۇشى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خەتەر ئامىللىرى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
    بىرىنچى خىل خەتەر ئامىلى بولسا ھامىلدار ئايالنىڭ ئكزىدىكى كىسەللىكلەر. ھازىر ئاياللارنىڭ توي قىلىدىغان ياش مەزگىلى بارغانسىرى كەينىگە سۈرۈلۈپ كىتىۋاتماقتا، شۇڭا ئۇلار ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، كۆپىنچىسىنىڭ يېشى بىرقەدەر چوڭۇپ قالغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىدە ئەسلىدىنلا بەزىبىر مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى  قان بېسىم كىسىلى، بۇندىن باشقا يۈرەك جەھەتتىكى مەسىلىلەر قاتارلىقلار. بۇلاردىن باشقا، يەنە بەزى ئاياللار، ئەسلىدىنلا ھامىلدار بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ؛ مەسىلەن، جىگەر ۋە بۆرەك كىسەللىكى، يۈرەك كىسەللىكى قاتارلىق ئەھۋاللار. بۇنداق ئاياللار ھامىلدار بولغاندا، تاساددىبىيلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
    ئىككىنچى خىل ئامىل بولسا، كۆپىيىش ئەزالىرىدا بىنورماللىق بار بولۇش. بەزى ئاياللار تۇغۇلما بالىياتقۇسى تۇلۇق يىتىلمىگەن كىلىدۇ، بۇندىن باشقا ھەم كۆپىيىش يولىدا ياللۇغ بار بولىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچىنچى ئېيىدا بەك كۈرۈنەرلىك ئىپادىلىنىپ چىقماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ھامىيلىنىڭ بارغانسىرى يوغىناپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ئەھۋال بارغانسىرى ئېغىرلاپ ماڭىدۇ.
    ئۈچىنچى خىل ئامىل بولسا ئىچكى ئاجرالمىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈش. بەزى ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ئىنتايىن ساغلام كىلىشى مۇمكىن؛ بىراق قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ بارغانسىرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، خورايدىغان ئۇزۇقلۇقمۇ تەدرىجى كۆپىيىپ ماڭىدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ئايالنىڭ ئىچكى ئاجرالما سېستىمىسا بىنورماللىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن؛ بۇ ۋاقىتتا بۇنىڭغا ھامىلدار ئايالنىڭ جىددىلىشىشى قوشۇلۇپ، ئاسانلا ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرپ، بەزىبىر ئىچكى ئاجرالما كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
    تۆتىنچى خىل ئامىل بولسا ناچار تۇرمۇش ئادىتى. نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىنمۇ، كۈنلىرىنى ناھايىتى ئازادىلىك ئىچىدە ئۆز بېشىمچە ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، نىمە يىگۈسى كەلسە شۇنى يەپ، ئازراقمۇ دىققەت قىلمايدۇ. بەزىلىرى ھەتتا ھاراق ئىچىپ تاماكا چىكىدۇ. بۇنداق قىلمىشلارنىڭ ھامىيلىگە بولغان زىيانلىق تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە ھامىيلىگە چوڭ خەۋپ ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号