ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى خاتا يولغا باشلايدىغان ئادەتلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىغا قارىتا، ھەمىشە ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، بۇنى قىلساڭ بولمايدۇ دەپ، ئۆزىچە بالىنى قوغداۋاتىمەن دەپ ئويلايدۇ؛ بىراق ئۇلار، بۇ خىل قىلمىشنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بالا تەربىيەلەش جەريانىدا، ئاتا-ئانىلاردا تۆۋەندىكى ناچار ئادەت بولسا بولمايدۇ.
ئۆزى تىجەشلىك، بالىغا بولسا قولى چېكى يوق ھالدا ئۇچۇق
    ئاتا-ئانىلار، بۇنى بالىغا ئامراقلىق قىلغانلىق دەپ قارايدۇ؛ بىراق بۇ خىل قىلمىش، بالىغا شۆھرەتپەرەسلىك ۋە ھەشەم تۈزۈشنى ئۆگىتىدىغان بولۇپ، ئۇلار جاۋاپ قايتۇرۇش ۋە بەدەل تۆلەشنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلاردا ئىقتىساد باشقۇرۇش ئېڭىمۇ بولمايدۇ. بالىغا مۇھەببەت بىرىش، ئۇنىڭغا قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ بىرىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغانلىرىنى بىرىشتۇر. بالىلارغا كىچىكىدىنلا مالىيە باشقۇرۇپ ئىقتىساد تۇتۇشنى ئۆگىتىش، ئۇلارغا مىننەتدار بولۇش ۋە جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلدۈرۈش ۋە تىجەشلىق بولۇشنىڭ داۋلىسىنى چۈشەندۈرۈش، بالىغا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى سوۋغاتتۇر.
ئەدەپ-قائىدە بىلمەسلىك
    مەيلى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتتە بولسۇن ياكى ئوقۇش خىزمەت جەھەتتە بولسۇن، ئەدەپ-قائىدىلىك بولماسلىق، بالىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى بىر توسۇققا ئايلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز ۋە قىلمىشلىرىنى ھەرۋاقىت تەكشۈرۈپ، مەدىنىيەتلىك ۋە ئەدەپلىك ئادەم بولۇش بىلەن، ئەمىلىي ئىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلارغا ئۆلگە بولۇش، بىر-بىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان ئىككى ئىشتۇر.
بالىسىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش
   بۇنداق قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئۆزىدە پىسخىكىلىق پەرق ھاسىل بولۇپ، بالىغا بولغان تەربىيەلەش جەھەتتە بالىغا زىيادە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بالىلار ئاسانلا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، زىيادە سەزگۈر، ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، باشقىلارنىڭ بالىسىنىڭ ئۆلچىمى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ بالىسىغا باھا بەرمەڭ؛ بالىنى تەبىئى ھالەتتە تەرەققى قىلىشقا قويسىڭىز، ئۇنىڭدا پەقەت كەينىدە قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىسىلا، ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمىسڭىزمۇ بولىدۇ.
بالىنىڭ ئالدىدا نارازى بولۇپ قاقشاش
    بۇنداق قىلغاندا، بالىلارنىڭ پاسسىپ كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىمۇ ھەدىسىلا باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان، ئۆزىدىكى خاتالىقنى بولسا كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ ھەمدە خاتا بولغان مەسىلە بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئۆگىنىپ قالىدۇ.
يالغان سۆزلەش
    بۇنىڭدا، بالىلار يالغان سۆزلەش خاتا ئىش ئەمەس ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىپ، بەلكىم ئۇمۇ يالغان سۆزلەشنى ئۆگىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ چوڭلارنىڭ قىلمىشىدىن غەلىتىلىك ۋە چۈشىنەلمەسلىك ھىس قىلىپ، تۇنۇش جەھەتتە پەرق شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قەدىرلەپ، ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىڭىزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىشىڭىز، مەيلى بالىلار بار سورۇندا بولسۇن ياكى يوق ۋاقىتتا بولسۇن، ئوخشاشلا سەمىمى بىر ئادەم بولۇشقا تىرىشىشىڭىز لازىم.
سۆرەلمىلىك قىلىش ۋە ۋاقىت كۆز قارىشى بولماسلىق
    بۇنىڭدا، بالىلار ئاسانلا ۋاقىت كۆز قارىشى يوق ئۆگىنىپ قېلىپ، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق، كىچىكىپ قېلىش دىگەندەك ناچار قىلمىشلارغا قارىتا توغرا تۇنۇشى بولمايدۇ ھەمدە كىيىنلىك تۇرمۇشىدا ئاسانلا بۇنداق قىلمىشلار كۆرىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار، بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ ئىدىيسىگە ۋاقىت كۆز قارىشىنى سڭدۈرۈپ، ئۇلارغا ۋاقىتنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇتۇشى كىرەك.
قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلماسلىق
    بىخەتەرلىك تۇنۇشى ۋە ئۆزىنى قوغداش تۇنۇشى يوق بالىلار، مەيلى سىرتلارغا چىققاندا بولسۇن ياكى ئۆيدە بولسۇن، ئاسانلا خەتەرلىك ئەھۋاللارغا دۇچ كىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، سىرتقا چىققاندا، يېنىڭىزدا بالا بار بولسۇن ياكى يوق بولسۇن، ھەر ۋاقىت قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشىڭىز ھەمدە قاتناش قائىدىسىنىڭ مۇھىملىقىنى بالىڭىزغا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشىڭىز كىرەك.
بالىسىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا تەنقىدلەش
    بۇنداق قىلغاندا، بالىلارنىڭ غۇرورىغا تىگىپ، ئۇلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش ئىدىيىسى پەيدا قىلىپ قويىمىز؛ ئاتا-ئانىلار بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يىتىپلا قالماي، بالىمۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۇنۇپ يەتمەيدۇ. بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا، ۋاقتىدا تۈزىتىش بىرىش كىرەك؛ بىراق پوزىتسىيە جەھەتتە ۋە ئۇسۇل جەھەتتە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن خاتالاشقانلىقىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号