ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىشقا خۇمار بولۇپ قالغان ئايال
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئۇچرىشىش، ئادەتتە ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرسىدا كۆرلىدىغان بىر ئىش؛ ئەمما ئامىرىكىلىق بىر ئايال بۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالغان. بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ناتالىيە.ۋىنىستىن سان-فىرانسىسكو شەھرىدىن بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچىلىك، ئۇ 100دىن ئارتۇق ئەر بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىپ باققان.
    ناتالىيەنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ھەر ھەپتىسىگە ئاز دىگەندە ئىككى ئادەم بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىدىغان بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە ئۇ بىللە ئۇچرىشىشقا چىققان ئادەملەرنىڭ سانى 100دىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ پەقەت ئۇچرىشىشقا چىقىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقارلىق بىلىنىدىكەن. ئۇ ئادەتتە ھەر قېتىمدا  قارشى تەرەپتىن 100 ئامىرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 675يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) ھەق ئالىدىغان بولۇپ، بەزىدە ئازراق ياكى كۆپرەك بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدىكەن. ھازىرغا كەلگۈچە، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئون مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل تاپقان.
    ناتالىيەنىڭ كەسپى تۆمۈر خادا ئۇسۇلى ئويناش بولۇپ، ئۇ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 9يىل بولغان، ھازىر ئۆزىنىڭ ئايرىم خىزمەت ئىشخانىسى بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ توردا بەزىبىر نىكاھلىق ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىشقا كىلىشىدىكەن، ئەمما ئەزەلدىن تاماق يىيىشتىن باشقا ھېچقانداق باشقا مەخپىيەتلىك يوق ئىكەن، شۇنداقلا ئەزەلدىن تاماق يىيىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بولۇپ باقمىغان ئىكەن.
    بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھەق تۆلەپ دوستلىشىشقا قارىتا تالاش-تارتىش مەۋجۇت. ئەمما ناتالىيە بولسا، ئەرلەر ھەق تۆلەش ئارقىلىق ئاياللارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشى كىرەك دەپ قارايدىكەن؛ چۈنكى ئاياللار، ئۆزىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى جەھەتتە ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن ۋە چىقىم قىلىدىكەن.
    ناتالىيە، توردىكى كىشىلەرنى شۇنداق قولى ئۇچۇق مەردە كىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. ناتالىيە، ھەمىشە توردا باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا كىلىشىدىغان بىردىنبىر ئايال كىشى ئەمەس؛ ئىلگىرى، روسسىي.كىلىفىرد ئىسىملىك قولى قىسقا بىر ئوقۇغۇچى قىز، ئۇچرىشىش تور بىكەتلىرى ئارقىلىق سەككىزمىڭ فوندسىتىرلىڭ(تەخمىنەن 70مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) كىرىم قىلغان. 18ياشلىق كىيىم مودىلى كىتتىي.تورىس بولسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى دىئاگونوز قويۇپ چىقىلغاندىن كىيىن، ئۇ باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىش ئارقىلىق، خامۇشلىشىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号