ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، بوۋاقنىڭ كۆزلىرى ھەم يوغان ھەم قارا تۇغۇلىدۇ.
سەۋزە
   سەۋزە تەركىبىدە ئۇزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، سەۋزە تەركىبىدىكى كاروتىن ماددىسى، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ۋىيتامىن Aغا ئۆزگىرەلەيدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنىدە ۋىيتامىن Aكەمچىل بولسا، ئۇنداقتا كۆزنىڭ نۇرغا بولغان سىزىمچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، قاراڭغۇدە بىر نەرسىنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەمما ۋاقتىدا ۋىيتامىن Aتولۇقلاپ بەرسە ياخشىلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەر
   قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەر تەركىبىدە ياغلار كۆپ، ئەمما ئاساسەن ھەممىسى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى؛ بۇ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى تەرپىدىن ئاسانلا سۈمۈرىلىدۇ ھەمدە ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدە DNAشەكىللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بوۋاقنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بوۋاقنىڭ تېخىمۇ ئەقىللىق تۇغۇلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
كالا سۈتى
   كالا سۈتى تەركىبىدە كالتسىي ماددىسى مول بولۇپ، ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زور مىقداردا كالتسىي ماددىسىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا كالتسىي كەمچىللىك كۆرۈلسە، ھامىلدار ئايالدا ۋە ھامىيلىدە بىر قاتار بىئارامچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدار ئايال ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە دائىم كالا سۈتى ئىچىپ بەرمىسە، تۇغقان بالىنىڭ يېراقنى كۆرەلمەس كۆز بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى، دائىم كالا سۈتى ئىچىپ بىرىدىغان ھامىلدار ئاياللارغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە دائىم كالا سۈتى ئىچىپ بەرگەندە، بوۋاقنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھامىيلىنىڭ تىرىسى تېخىمۇ يۇمران ۋە ئاق تۇغۇلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
بېلىق تۈرى
   جەمئىيەتتە،"بېلىقنى كۆپ ئىستىمال قىلسا، ئادەم ئەقىللىق بولىدۇ" دېگەن قاراش بار؛ ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ بەلگىلىك ئىلمىي ئاساسى بار، چۈنكى بېلىق تەركىبىدە DHAماددىسى بار. ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، DHAنىڭ بوۋاقنىڭ نىرۋا سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە قارىتا پايدىلىق تەسىرى بار بولۇپلا قالماي، يەنە كۆرۈش سىستېمىسىنىڭ يىتىلىشىگىمۇ پايدىلىق ئىكەن. ئادەتتە، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال بەدىنىدە ئۆزلىكىدىن DHAماددىسى ھاسىل قىلىپ، بوۋاقنىڭ نىرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ؛ لېكىن، بۇ مىقدار يىتەرلىك ئەمەس بولۇپ، دوختۇلار ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدارلىق تۆتىنچى ئېيىدىن باشلاپ مۇۋاپىق تۈردە DHAتولۇقلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号