ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوتتۇز بىر بارماقلىق بۇ بوۋاق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىكەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نورمال ئادەملەرنىڭ ئادەتتە قول ۋە پۇت بارماقلىرىنى قوشۇپ ھىسابلىغاندا، جەمئى 20تال بارمىقى بولىدۇ. ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى 43ياشلىق بىر ئەرنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا جەمئى 28تال بارمىقى بار بولۇپ، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن ئەنگە ئېلىنغان.
    ئەمما يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئۈچ ئايلىق بولغان بىر ئوغۇل بوۋاق، كۆپ بارماقلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگونوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا، بەدىنىدە جەمئى 31تال بارمىقى بار ئىكەن؛ يەنى، بۇ بوۋاقنىڭ قوللىرىنىڭ بارماق سانى 15، پۇتلىرىنىڭ بارماق سانى 16 ئىكەن.
    بىراق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئۇنىڭ نورمال ئادەملەرنىڭكىگە قارىغاندا 11بارمىقى ئارتۇق بولىشىلا بولۇپ قالماي، ئۇنىڭ ئىككى قولىدا ئىككى ئالقىنى بار بولۇپ، سول قولىنىڭ 8بارمىقى، ئوڭ قولىنىڭ 7 بارمىقى بار ئىكەن، بىراق ھەر ئىككى قولىدا باش بارمىقى يوق ئىكەن. بۇندىن باشقا، ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ھەر ئىككىسىدە 8دىن بارمىقى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 8 پۇت بارمىقىنىڭ ھەممىسىنىڭ سۆڭىكى ئايرىم ئىكەن.
   دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بالنىڭ بۇ كۆپ بارماقلىق كىسىلى ئانىسىنى تارتىپ قالغان بولۇپ، گەرچە بوۋاقنىڭ پۇت قولىنى ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق نورمال ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاش ھالەتكە ئەكىلىشكە بولسىمۇ، ئەمما ئوپراتسىيە ھەققى ئۈچۈن نەچچە يۈزمىڭ يۈەن پۇل كىتىدىكەن؛ بۇنداق قىممەت داۋالاش ھەققى، بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر بىر قىيىنچىلىق ھىسابلىنىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号